شەخسىي ئۇچۇرغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ م...

ۋاقتى:2012-06-06 21:16مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

 

يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەر - رايونلاردا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى يەنىلا ھەممە يەردە خەۋپكە ئۇچرىماقتا.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچراۋاتىدۇ

www.iz.la

شەخسىي ئۇچۇر پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ھەمدە ئىجتىمائىي خاسلىقىنىڭ كونكرېت بەلگىسى. زامانىۋى ئۇچۇر جەمئىيىتىدە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ھالدىكى قىممەت ۋە مەنپەئەتكە چېتىلىشى مۇھىملاشقانسېرى، ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ پۇل تېپىشىدىكى «دەسمايە»سى ۋە«شوتىسى»غا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

copyright by www.iz.la

جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلار كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىردى. بەزى زۆرۈر ئەھۋالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنسىز تارقىلىشى تېز، دائىرىسى كەڭ بولۇۋاتىدۇ. تور بوشلۇقى زور ئۇچۇر جىنايەت تورىنى شەكىللەندۈردى. ھەتتا جىنايەتچىلەر سىز ئويناۋاتقان تور ئويۇنلىرىدا قالدۇرغان تېلېفون نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، نومۇرىڭىزنى پۇل تېپىش مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇچۇر ساتىدىغان بىر قىسىم شايكىلار ھەتتا شەخسىي ئۇچۇرلارغا باھا قويۇپ: ئۆي - مۈلۈك ئۇچۇرىنىڭ بىرى 100 يۈەن، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۇچۇرى 50 يۈەن ... دېگەندەك پۇقرالارغا تەئەللۇق شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارا ساتقىلى تۇردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

شەخسىي ئۇچۇر جىنايىتىنىڭ خەۋپى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان پاراكەندىچىلىك كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۆي سېتىۋالغان بولسىڭىز بېزەكچىلىك شىركەتلىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك ئۇچۇر - تېلېفونلار بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋېتىدۇ... يەنە تۈرلۈك ئېتىبارلىق سېتىش، قەرز بېرىش، ئېلىش قاتارلىق ئەخلەت ئۇچۇرلار، كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان «دوستىڭىز ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا... »، «بانكا كارتىڭىز توڭلىتىۋېتىلدى» دېگەندەك ساختا ئۇچۇرلار پۇقرالارنىڭ پىسخىكا ھالىتىگە چاقچاق قىلماقتا.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

شەخسىي ئۇچۇرلارنى سېتىشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، جىنايەتچىلەر مەخپىي زەنجىرسىمان جىنايەت تورىنى شەكىللەندۈردى. شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردى، دۆلەت ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

جىنايەتنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان زەنجىرسىمان كەسىپ تەدرىجىي شەكىللەندى، مۇقىم بولغان ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى، كەسىپلەشكەن ئۇچۇر دەللاللىرى ئۇچۇر سېتىپ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. بۇنداق كەسپىي جىنايەت شايكىلىرىنىڭ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش لازىم.
كىمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرغا چېقىلغانلىقى نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە. ئۇنداقتا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگۈچى زادى كىم؟ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جىنايى ئىشلار قانۇنى (7)»دە شەخسىي ئۇچۇرغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ دائىرىسى بېكىتىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلار دۆلەت ئورگانلىرى ياكى پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، قاتناش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارغا قارىتىلغان. ئۇنداقتا، شەخسىي ئۇچۇرلارغا ئاسان ئىگە بولالايدىغان ئۆي - مۈلۈك شىركەتلىرى، ۋاسىتىچى ئورۇنلار، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت ئورۇنلىرى شەخسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، ساتىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق چەكلەشتىن، ۋاسىتىچى ئورۇنلار، خوجىلىق شىركەتلىرى قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىدىكى ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ئېلىم - سېتىمىنى چەكلەشكە، ھەتتا ئاخىرىدا يۇقىرىقى مۇلازىمەت تۈردىكى ئورگانلارنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىنى چەكلەشكىچە كېڭەيتىش كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە زەربە بېرىش بىلەن بىللە، ۋاسىتىچى بىلەن ئۇچۇردىن پايدىلانغۇچىغىمۇ زەربە بېرىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بىلەن مال - مۈلكى كىشىلىك ھوقۇقىغا زىچ باغلانغان. شۇڭا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدا كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: 

www.iz.la

1. ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى، ۋاسىتىچى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، ئۇچۇردىن پايدىلانغۇچى قانۇنسىز ئېرىشكەن ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ، ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ۋاسىتىچىنى بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئاساس قىلىشقا بولامدۇ - بولمامدۇ، جىنايى قىلمىش بىلەن ئالاقىسى بارمۇ - يوقمۇ دېگەنگە دىققەت قىلىش كېرەك.  ئىز تورى www.iz.la

2. ئەگەر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى، ۋاسىتىچى ئۇچۇردىن پايدىلانغۇچىنىڭ جىنايى قىلمىش ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە، چوقۇم بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قاتارىدا جازالىنىشى كېرەك. copyright by www.iz.la


تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...