ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى موتسىكلىت يېقىندا كىمئارتۇق قىلىنىدىكەن. بۇ موتسىكلىت ھازىر 100 «ياش»تىن ئاشقان بولۇپ، تارىخى ۋېكتورىيە ئايال پادىشاھلىقى دەۋرىگىچە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ موتسىكلىتنىڭ سۈرئىتى ئاستا، مىنىشكىمۇ ئۇنچە راھەت ئەمەس ئىكەن، ئەمما ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن، مەلۇم باسقۇچتىكى تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئىز تورى www.iz.la
بۇ موتسىكلىت ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماتورى ئارقا چاقىغا، ماي باكى ۋېلىسىپىتنىڭ توغرا توقمىقىغا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ موتسىكلىتنى Edwin Perks ئىسىملىك بىر كىشى كەشىپ قىلغان بولۇپ، 1899-يىلى پاتنىتقا ئېرىشكەن. ھازىر بۇ موتسىكلىت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، كىمئارتۇق سودىگىرى ئۇنىڭ كەڭ موتسىكلىت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. www.iz.la
بۇ موتسىكلىت ئەينى يىلى 63 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 641 يۈەن)غا سېتىلغان بولۇپ، ھازىرقى باھاسى 21 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 210 مىڭ يۈەن)گە چىققان.
ئىز تورى بەك ياخشى