كەڭ قورساقلىق (ھېكايە)

ۋاقتى:2012-04-28 19:38مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    فېڭ شۆ   بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى −− ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ چېتىدە توختاپ قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككىيلەننىڭ قۇملۇقتىن ھايات چىقالىشىغا ئىشەنمىگەن ئىدى. −− مېنى ئالغاچ كېتىڭ، كەچمىشلىرىم ماڭا قۇملۇقتا نىشاننى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتكەن. سىزگە ئەسقېتىپ قالارمەن، −− دېدى ب−وۋاي كوم−اندىرغا يېلىنىپ. تىرىك قالمايمەن دەپ ئويلىغان كوماندىر ئاتتىن چۈشۈپ، بوۋاينىڭ ئاق ئارىلىغان چېكە چاچلىرىغا قارىغىنىچە: »ئىقتىدارسىزلىقىمدىن ئەسكەرلىرىم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئەمدى ئاخىرقى بۇ جەڭچىنى بولسىمۇ قوغداپ قېلىشىم كېرەك« دەپ ئويلىدى ۋە بوۋاينى ئاتقا مىندۈردى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
قۇم بارخانلىرى چوقچايغان قۇملۇقتا نىشاننى پەرقلەندۈرۈش تەس ئىدى. −− ماڭا ئەگىشىڭ، −− دېدى بوۋاي كەسكىن ھالدا. كوماندىر بوۋايغا ئەگەشتى. كۈچلۈك قۇياش نۇرى قۇملۇقنى تونۇردەك قىزىتىۋەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ گېلى قۇرۇپ، لەۋلىرىنى گەز باغلاپ كەتتى، ئۇلاردا نە سۇ، نە ئوزۇقلۇق بولسۇن. −− ئاتنى سويايلى! −− دېدى بوۋاي. كوماندىر ئىككىلىنىپ قالدى، »ھايات قالىمىز دەيدىكەنمىز، شۇنداق قىلماي نېمە ئامال« ئۇ بېلىدىكى قىلىچىنى ئالدى... −− ئېتىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق، ئەمدى مېنى يۈدۈپ ماڭسىڭىز! −− بوۋاينىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان كوماندىر داڭقېتىپ قالدى. »ئۇنىڭ پۇت - قولى ساق تۇرسا، نېمە دەپ يۈدۈپ ماڭغۇدەكمەن، بۇ تەلىپى چەكتىن ئېشىپ كەتتى« دەپ ئويلىدى ئۇ. لېكىن يەنە »ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇم، بوۋايمۇ قۇملۇقتىن تېزرەك چىقىپ كېتىش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يارامسىزلىقىمدىن بولدى« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى − دە، ئاخىرقى بۇ جەڭچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە بوۋاينى يۈدۈپ ماڭدى. بىر كۈن، ئىككى كۈن... ئون كۈنمۇ ئۆتتى. ئۇلار يەنىلا قۇملۇقتىن چىقالمىدى. كوماندىر بوۋايغا كۈندۈزى جاپادىن، تاپا - تەنىدىن قورقمايدىغان تۆگە بولسا، ئاخشىمى كۆيۈمچان، مۇلايىم مالايدەك ئىشلەيتتى. شۇنداقتىمۇ بوۋاينىڭ تەلىپى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، بەزىدە ھەددىدىن ئېشىپمۇ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھەمىشە ئىككىيلەننىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقىنىڭ كۆپرەكىنى يەۋالاتتى، نورمىلىق ئات قېنىنىمۇ بىر نەچچە يۇتۇم ئارتۇق ئىچىۋالاتتى. ئەمما كوماندىر بۇنىڭدىن ئاغرىنمايتتى، ئۇ پەقەت بوۋاينىڭ قۇملۇقتىن ھايات چىقىپ كېتىشىنىلا ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر كۈنى بوۋاي بولالماي قالدى. −− مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، مەن بولالمىدىم، سىز جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ، −− دېدى بوۋاي. −− ياق، مېنىڭ ياشىغۇدەك جۈرئىتىممۇ قالمىدى، ھايات قالغىنىم بىلەنمۇ باشقىلار مېنى كەچۈرمەيدۇ، −− دېدى كوماندىر. بوۋاينىڭ چېھرىدە ئاچچىق كۈلكە غىل - پال چاقنىغاندەك بولدى. −− شۇنچە كۈندىن بېرى سىزنى قىيناپ، ئاۋارە قىلىپ كەلدىم. بۇنى بىلمىدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ بۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىگە چىدىيالىشىڭىزنى ھەقىقەتەن ئويلىماپتىمەن. −− مەن پەقەت سىزنى ھايات قالسۇن دېدىم، چۈنكى سىز ماڭا دادامنى ئەسلەتتىڭىز، −− دېدى كوماندىر ئازابلىق تەلەپپۇزدا. ئىز تورى www.iz.la
بۇ چاغدا بوۋاي قوينىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ كوماندىرغا سۇندى: −− بۇنى ئېلىڭ، ئىچىدە سۇ، ئوزۇقلۇق ۋە كومپاس بار. شەرققە قاراپ يەنە بىر كۈن ماڭسىڭىز قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلەيسىز، بىز بۇ يەردە بەك ئۇزاق ئايلىنىپ كەتتۇق... −− بوۋاينىڭ كۆزلىرى يۇمۇلدى. −− كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، مەن سىزنى تاشلاپ كەتمەيمەن، سىزنى يۈدۈپ بولسىمۇ قۇملۇقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن، −− دېدى كوماندىر.
بوۋاي كۆزىنى تەستە ئاچتى. −− ھەي، قۇملۇقنى مۇشۇنداق چېكى يوق دەپ قارامسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئۈچ كۈن ماڭساقلا قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلەيتتۇق، لېكىن مەن سىزنى بىر دائىرىدە چۆرگىلىتىپلا يۈردۈم. مەن ئىككى ئوغلۇمنىڭ دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇلار سىزنىڭ كاساپىتىڭىزدىن بولدى. ئەسلىدە سىز بىلەن بىللىلا تۈگىشىپ، مۇشۇ قۇملۇققا كۆمۈلۈپ كېتەي دېگەن ئىدىم. لېكىن قەلبىڭىز ئۆچمەنلىكىمنى يوق قىلىۋەتتى، كەڭ قورساقلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغان كىشىگە باشقىلارمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ، −− بوۋاي سۆزىنى تۈگىتىپ مەڭگۈگە كۆز يۇمدى... كوماندىر خۇددى يەنە بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندەك ھاياجاندا قېتىپ قالدى. ئۇ بىر ئاتىنىڭ كەڭ قورساقلىق قىلىشىغا، ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ شۇ چاغدىلا قورال - ياراغ، مەجبۇرلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جىسمىنىلا بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، مېھىر - مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن كىشى قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇ بوۋاينىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويۇپ، قەلبى ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىققا تويۇنغان ھالدا سەپىرىنى داۋام قىلدى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...