مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
تۈنۈگۈنكى گېزىتتە بېسىلغان گۇاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان «2012-يىللىق گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان سىنىپلىرىنىڭ خىزمىتىنى باھالاش ئۆلچىمى ‹ سىناق نۇسخىسى ›» دىن ئايان بولۇشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىنىڭ كېينكى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن كېيىن چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان، چەت ئەللەردىكى ۋەچېگرا سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ھەربىر ئوقۇغۇچىغا 1.2 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن .بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاران 0.2 - 0.1 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ، بۇئۆلچەمنىڭ ئوتتۇرىغاچىقىرىلىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى ئويلىنىپ قالدىم . ئەجىبا، مەكتەپلەر كۆرسەتكۈچى بولۇپ كۈچ چىقىرىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى چەت ئەللەرگە چىقىرىش ئۈمىد قىلىنغانمۇ ؟ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنىڭ تار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىدىكى مۈشكۈللۈكنى نەزەردە تۇتۇپ، «قالدۇرۇلىدىغان» ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ساننى چىقىرىش مەقسەت قىلىنغانمۇ ؟ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورۇنلارغا يېتەكلەش كۆزدە تۇتۇلغانمۇ ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ھازىر دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر مائارىپىدا ھەقىقەتەن كۆپلىگەن مەسىلىلەر ساقلانغان، مەن ئىزچىل تۈردە چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن چۈشىنىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ كەلدىم . گەرچە دۇنيا تەدرىجى «تەڭپۇڭلىشىش» قا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاچقا، قەدەمنى تېخىمۇ يىراقنى نەزەردە تۇتۇپ تاشلاشقا، نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، بۇمۇ بىر ياخشى ئىش . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەمما زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئېيتقان «بۇ مۇتلەق يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا ئىگە» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، مەن يەنە ئەندىشە قىلىپ قالدىم، ھازىردىن باشلاپ مەكتەپلەر نومۇر قوشۇشتىن ئىبارەت چوڭ مۇكاپات ئۈچۈن ، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چەت ئەللەرگە چىقىشقا مايىللاشتۇرامدۇ قانداق ؟ باشقا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادىلسزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، قانداق؟ نېمىلا دېگەنبىلەن، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر خۇسۇسىي خەلقئارالىق مەكتەپلەرگە يەتمەيدۇ، ئەمەسمۇ ؟
ئەسلىدە بالىلىرىنى چەت ئەللەرگە چىقىرىش كېرەكمۇ، قانداق ؟ بۇ بىر ئائىلىنىڭ چوڭ تاللىشى بولۇپ، مەكتەپلەرنى تاللىغاندىن باشقا، كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال ئامىللارغا تېخىمۇ قاراش، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنى ئويلىشىش كېرەك . شۇڭا مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مەكتەپلەرنى تاللايدۇ . مەن چەت ئەللەرگە چىقىرىپ ئوقۇتۇشقا قارشى تۇرمايمەن، ئەمما بالىلارنى چەت ئەللەرگە چىقىرىشنى مودا، دەپ قاراشقا ھەمدەقەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشقا قارشى تۇرىمەن . مەن بۇنىڭدىن كېيىنكىئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ «چەت ئەلگە چىققانلار» ۋە «چەت ئەلگە چىقمىغانلار» دېگەن ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىپ، بىر گۇرۇھنىڭ مەغرۇرلىنىپ گىدىيىپ يۈرۈشىنى، يەنە بىر گۇرۇھنىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مەيۈسلىنىپ يۈرۈشىنى خالىمايمەن .
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇنداق ھۆكۈمەت تەرەپ سالاھىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىمتىھان بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئادىلسىزلىق بولىدۇ . چۈنكى، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «مۇستەقىل بولۇش روھىي، ئەركىن بولۇش ئىدىيەسى»گە ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . يەنە جەنۇبىي جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوخشاش ‹‹پىروفېسسورلار مەكتەپباشقۇرۇش، ئىلمىي ئىشلاردا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش» باش مىزان قىلىنغان مائارىپ ئىسلاھاتى تەجرىبە ئېتىزى پەقەت بىزگە ئۈمىدبېغىشلاۋاتىدۇ .