غۇلجا شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ماتېمات...

ۋاقتى:2012-04-28 19:38مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     36 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى مىللەتنىڭ، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى − ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە ئاتاپ، ئۇلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمدىن تولىمۇ رازىمەن، - غۇلجا شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى سەرۋەر سەيدالىم قەلب سۆزىنى شۇنداق ئىزھار قىلدى. سەرۋەر سەيدالىم 1958-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىلى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقانىدى. ئۇ ئىشقا چۈشۈپلا، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆگىنىپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تىرىشىش بىلەن بىللە، مېھرىنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ ئىزچىل ماتېماتىكا، فىزىكا دەرسى بېرىپ، ھەر سائەتلىك دەرسنى ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈپ، پۇختا تەييارلىق بىلەن چۈشىنىشلىك ئۆتكەچكە، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار دەرستىن زېرىكىش ھېس قىلمايدىغان، ئەكسىچە ماتېماتىكا دەرسىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. ئۇ مەسئۇل بولغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇنى ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان سىنىپلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسنى تەكرار قىلىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ بۇ سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈشتە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلەتتى. سەرۋەر سەيدالىم دەسلەپتە بۇ جەھەتتە قىينىلىپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش نىيىتىگە كەلدى. لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى كىچىك بولۇپ، ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشمۇ ئۇنىڭ زىممىسىدە ئىدى. ئۇ كۈندۈزى دەرس ئۆتسە، كەچتە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تامىقىنى بېرىپ بولۇپلا، كەچلىك كۇرسقا ماڭاتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە ئىككى يىل كەچلىك كۇرستا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىپ، خەنزۇچە ماتېماتىكا دەرسلىك ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش سەۋىيەسى يەنە بىر بالداق ئۆستى. سەرۋەر سەيدالىم ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا ھەم سىنىپ مۇدىرى، ھەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. بۇ جەرياندا ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئوق−ۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق، پەسىللىك، مەۋسۇملۇق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن تارتىپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئاتا - ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نۇقتىلىق ياردەم بەرگەچكە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. سەرۋەر سەيدالىم 1992-يىلىدىن ئېتىبارەن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى تەجرىبىلەرنى توپ−لاپ، گېزىت - ژۇرناللاردا «بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرس»، «ئاتا - ئانىلارغا مەسلىھەت» قاتارلىق ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇردى. ئۆزىمۇ ئەجرىگە يارىشا كۆپ قېتىم غۇلجا شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى. سەرۋەر سەيدالىم پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇماي، غۇلجا شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانا»لار سېپىگە قوشۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە.
ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...