copyright by www.iz.la
يېقىندا رادىئودا ئاڭلىتىلغان مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ يول، قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش تاختايلىرىدىكى بۇيرۇق خاراكتېرىنى ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئورنىغا مېھرى - مۇھەببەت ئىپادىلىنىدىغان جۈملىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر دېققىتىمنى تارتتى. مەن ئىختىيارسىزلا ئالدىمىزغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش - تەشۋىقات تاختىلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئالدى بىلەن ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تارماق ۋە خادىمنىڭ سەۋىيەسى، دىتى ۋە مەسئۇلىيەت پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىدۇ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش ئوبىيكىتلىرىغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئادا قىلىنىشى، ئادەتكە ئايلىنىپ، ئاڭلىق ئىزچىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنى تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قوللانغاندا، ھەر بىر شەخستە ھاياتنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، گۈزەللىك يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، تەبىئىي مۇھىتنى، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تارماق ۋە قاتلاملىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، ئومۇميۈزلۈك ئاڭلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ يېڭى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما ئەتراپىمىزدا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىغا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مۇنۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىلسە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. 1. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدىكى جۈملىلەرنىڭ قىسقا، مەزمۇنلۇق بولۇشى، دەل جايىدا ئىشلىتىلىشى بەزىدە بىرەر پارچە ياخشى ماقالە - ئەسەر ئوقۇغاندىنمۇ ئارتۇق ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. چوڭ - كىچىك كوچىلاردا، باغچىلاردا ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، ئاممىۋىي تەرتىپكە رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان ھەر بىر سورۇندا «بىر قەدەم ئەگىپ ماڭسىڭىز، مەن ھايات قالغان بولاتتىم»، «بىر تال داننى تىجەپ قالغىنىڭىز - بىر جاننى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىز»، «ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېگەندەك يېقىملىق سۆز - جۈملىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاختايلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. 2. ۋاقتى ئۆتكەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىنىڭ ئېلىۋېتىلگىنى تۈزۈك. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىنىڭ بەزىلىرى ۋاقىت، پەسىل، ئورۇن چەكلىمىلىكىگە ئىگە. بەزىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى بىر قانچەكۈن، بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە مىنۇت بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «قاردا تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ» دېگەندەك جۈملىلەر ئەلۋەتتە قىش پەسلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئۇلارنى پەسىل ئالماشقاندىمۇ ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. يول رېمۇنت قىلىش، مەلۇم جايدىكى ئەسلىھەلەرنى تەرتىپكە سېلىش ياكى مەلۇم ھادىسە تۈپەيلىدىن تەرتىپكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، بۇنداق ئەسكەرتمىلەرنىڭ ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. 3. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدىكى سۆز - جۈملىلەرنىڭ ئوبرازلىق، يېقىملىق بولۇشى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئەمما ھەممىسىگىلا ئوخشاش تەلەپنى قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. خەت سۈپىتى، ئىملاسى، سۆز - جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقىدا مەسىلە ساقلانغان بىر قىسىم ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دەرۋەقە، «يۇمران ئوت - چۆپ سىزگە كۈلۈمسىرىمەكتە، ئەگىپ مېڭىڭ»، «قولىڭىزنى تارتسىڭىز گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلۇر، پۇتىڭىزنى تارتسىڭىز، ياپيېشىل ئوت - چۆپ كۈلۇر» دېگەندەك ئوبرازلىق جۈملىلەرنىڭ پاساھىتىدىن ھەممىنىڭ ھوزۇرلانغۇسى كېلىدۇ. مېنىڭچە، مۇشۇنداق مەدەنىي ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىزچىللاشتۇرالىساق، ئۆزىمىزگە، ئۆزگىگە، جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە مەسئۇل بولۇشقا كۆڭۈل بۆلەلىسەك، ئاڭلىق، مەدەنىي پۇقرا بولوپ، ئۆزىمىز ياراتقان گۈزەللىكلەردىن ئۆزىمىز ھوزۇرلىنالايمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!