ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىمۇ «مەدەنىي» لەشسە

ۋاقتى:2012-04-28 19:38مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  يېقىندا رادىئودا ئاڭلىتىلغان مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ يول، قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش تاختايلىرىدىكى بۇيرۇق خاراكتېرىنى ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئورنىغا مېھرى - مۇھەببەت ئىپادىلىنىدىغان جۈملىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر دېققىتىمنى تارتتى. مەن ئىختىيارسىزلا ئالدىمىزغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش - تەشۋىقات تاختىلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئالدى بىلەن ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغان تارماق ۋە خادىمنىڭ سەۋىيەسى، دىتى ۋە مەسئۇلىيەت پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىدۇ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش ئوبىيكىتلىرىغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئادا قىلىنىشى، ئادەتكە ئايلىنىپ، ئاڭلىق ئىزچىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنى تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مۇھىتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قوللانغاندا، ھەر بىر شەخستە ھاياتنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، گۈزەللىك يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈپ، تەبىئىي مۇھىتنى، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تارماق ۋە قاتلاملىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، ئومۇميۈزلۈك ئاڭلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ يېڭى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما ئەتراپىمىزدا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىغا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مۇنۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىلسە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار. 1. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدىكى جۈملىلەرنىڭ قىسقا، مەزمۇنلۇق بولۇشى، دەل جايىدا ئىشلىتىلىشى بەزىدە بىرەر پارچە ياخشى ماقالە - ئەسەر ئوقۇغاندىنمۇ ئارتۇق ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. چوڭ - كىچىك كوچىلاردا، باغچىلاردا ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، ئاممىۋىي تەرتىپكە رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان ھەر بىر سورۇندا «بىر قەدەم ئەگىپ ماڭسىڭىز، مەن ھايات قالغان بولاتتىم»، «بىر تال داننى تىجەپ قالغىنىڭىز - بىر جاننى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىز»، «ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېگەندەك يېقىملىق سۆز - جۈملىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاختايلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. 2. ۋاقتى ئۆتكەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىنىڭ ئېلىۋېتىلگىنى تۈزۈك. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىنىڭ بەزىلىرى ۋاقىت، پەسىل، ئورۇن چەكلىمىلىكىگە ئىگە. بەزىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى بىر قانچەكۈن، بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە مىنۇت بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «قاردا تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ» دېگەندەك جۈملىلەر ئەلۋەتتە قىش پەسلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئۇلارنى پەسىل ئالماشقاندىمۇ ساقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. يول رېمۇنت قىلىش، مەلۇم جايدىكى ئەسلىھەلەرنى تەرتىپكە سېلىش ياكى مەلۇم ھادىسە تۈپەيلىدىن تەرتىپكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، بۇنداق ئەسكەرتمىلەرنىڭ ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. 3. ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىدىكى سۆز - جۈملىلەرنىڭ ئوبرازلىق، يېقىملىق بولۇشى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئەمما ھەممىسىگىلا ئوخشاش تەلەپنى قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. خەت سۈپىتى، ئىملاسى، سۆز - جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقىدا مەسىلە ساقلانغان بىر قىسىم ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.  دەرۋەقە، «يۇمران ئوت - چۆپ سىزگە كۈلۈمسىرىمەكتە، ئەگىپ مېڭىڭ»، «قولىڭىزنى تارتسىڭىز گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلۇر، پۇتىڭىزنى تارتسىڭىز، ياپيېشىل ئوت - چۆپ كۈلۇر» دېگەندەك ئوبرازلىق جۈملىلەرنىڭ پاساھىتىدىن ھەممىنىڭ ھوزۇرلانغۇسى كېلىدۇ. مېنىڭچە، مۇشۇنداق مەدەنىي ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىزچىللاشتۇرالىساق، ئۆزىمىزگە، ئۆزگىگە، جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە مەسئۇل بولۇشقا كۆڭۈل بۆلەلىسەك، ئاڭلىق، مەدەنىي پۇقرا بولوپ، ئۆزىمىز ياراتقان گۈزەللىكلەردىن ئۆزىمىز ھوزۇرلىنالايمىز.
www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...