ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ ...

ۋاقتى:2012-04-28 19:38مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى   ئەمگەك دۇنيانى ياراتقان. گۈزەل شىنجاڭنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئەمگەك ئارقىلىق ئۇرغۇتۇلدى. بۇلتۇر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت - ماكاننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش» ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر بارلىققا كەلدى؛ ئۇلار ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى نەمۇنىچىلار، ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 27-ئاپرېل «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى. بىز شەرەپكە نائىل بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارقا - ئارقىدىن ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى ياراتتى. يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئېشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، ھەر قايسى ئىشلارنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى؛ 2010- ، 2011-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 100 نەچچە مىليارد يۈەن ئاشتى؛ شەھەر، بازار ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن ئۇدا ئىككى يىل يۇقىرى بولدى. بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر روھىنى نامايان قىلدى. ھازىر شىنجاڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 2011-يىلى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئاساسىدا، 25 تۈردىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن 90نى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى تارىخىي پەللىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئەتراپىمىزدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەردىن ئۆگىنىپ، تەقدىرىمىزنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان باشلامچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا يۈكسەك خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتايلى. تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز. ھازىر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ، ھەممەيلەن ئىش ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەپ، مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بەخت ۋە خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى! www.iz.la
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەنگىلىيە ئالىملىرى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .

    راك ئادەتتە ساقايىتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ ، ئىنسانلارنىڭ راكىنى ساقايىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى زادىلا توختاپ قالغىنى يوق . ئەنگىلىيە ئالىملىرى پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئۇسۇلىنى - ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسى ئارقىلىق راكىنى داۋالاشىنى سىناق قىلىش ئالىدىد...

  • قۇمدا رەسىم سىزىش «تىتانىك»

    ...

  • پۇشايمانىسز ياشاڭ

    بىر دوستۇم بەش يىلىنىڭ ئالىدىدا پاي چېكى بازىرىغا قەدەم قويىدى .ھەمدە سەزگۈسىگە تايىنىپ . قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلىنىڭ ئىچىدىلا ئۈچ مىليۇنىدن كۆپرەك پۇلغا ئىرشىتى . شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمىدلا 30 ياشقا كىرگەن ئىدى . كىم ئويلىغان دەيىسز ؟ ئۇنىڭ تازا ئامىتى كلېىپ...

  • قايتا تىرىلىش (پاتىگۈل قاۋۇل بىلەن سۆھبەت)

    مەنبە ؛مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانىسى تورى...

  • ئۈرۈمچىدىكى ئىپپەت بازىرى

    - قانچە پۇل؟ - 100 كوي. - 30 كوي بېرەيما؟ - كەم بولا. - ماقۇل دېسىلە! - كەم دەپ قويدىلا. - ماقۇل، 10 كوي قوشاي. - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا! - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن! - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە! - ماقۇ...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...