ئاياللار نىمىشقا ئاسانلا سىرىتقا قاراپ قالىدۇ

ۋاقتى:2012-04-03 11:14مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلىشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ؟ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۈلىيەت دەپ بىلدۇق :
كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئېچمەك، كېيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت .ئالدىنقى ئىككىسى ئىقدىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن قاناەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ،بۇ ئۇنچېۋالا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى مۇمكىن .چۈنكى ،بىر تەربىيىلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال – مۈلۈك تۇپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ،مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم – ئوزۇق تىلىمەيدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


كىيىم- كىچەك ۋە يېمەك ئېچمەك پاراغىتى تۇپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى .شۈھبىسىزكى ،مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئۇينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ ،مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئۇرنىغا قويمايمەن .ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتائەتكە كىرىشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سويگۈ -مۇھەببەتتۇر .ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ،روھىدىكى ،تېندىكى ئاچارچىلىقنى سىرتتىن ئىزدىشى ياكى ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


ئايالارنىڭ قانائەت تۇيغۇسڭ نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھالىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى….قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان روھىي قانائەت ۋە -ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلدىغان جىنسىي قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تۇلۇق ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەلىككە كۆتۈرۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتاەتتىكى مۇلايىم خوتۇن ،مېھرىبان ئانا ،پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىندۇ .
ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىياجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈدسىزلىندۇ ، رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ . ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۈچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كېشى بۇزىلىدۇ ،ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ،نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز ئەخلاق ،قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ،مۇنداق بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولدىغان ،باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلدىغان ،شاھزادىدىن قېچىپ كەمبىغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس . دېمەككى ،ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ . ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنڭ تويدۇرۇپ ،ئۈستىبېشىنى پاقىرتىپ ياسىيالمىسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ،روھىنى شاد ،نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ . ئايالىنىڭ كۆڭلى – خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا،تېنىگىلا ئىگەدارچىلىق قىلدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ . بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر ھارامتاماق ئولتۇردۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ . ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ،بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ .ئەرلەردىكى بوشلۇق ،سۇسلۇق ،پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇردىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .
www.iz.la

ئەي ،خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر .مەسىلنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە .ئەر ھەر تەرەپتن كۈچلۈك بولسا ،خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىندۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ،ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ،ئەرنى ،نىكاھنى،پەرزەنتىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،نۇمۇستىن قورقمايدىغان ،دەرىجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ .شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر .
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ،پوزىتسىيە ،مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارتىلغان . www.iz.la
ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ،خوتۇنىڭنى رازى قىل .ئىتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ،روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە .ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ; ھەتتە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىندىغان بولسۇن .خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك ،قاناەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ تۇرسۇن . ئۆزۈڭنى تىڭلا ،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تۇلۇقلاپ تۇر .ئەگر ئايال پەزىلەتلىك بولدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت -قارشىدىن ئۆزۇڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى ،قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن .

copyright by www.iz.la


ئەر ، ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە .خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ ،ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.
كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر …
مەنبە: ئەرلەرگە 101 تەكلىپ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(47)
94%
ئالقىشلايمەن
(3)
6%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئاياللارنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈردىغان 20خىل ئۇسۇل

    تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلار مەغلۇپ بولۇش ياكى غەلبە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ،ساغلاملىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.ئاياللار قىرىشنى كىچىكتۈرىمەن دەيدىكەن ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەت بىرىش ،ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.توۋەندە بىز قىرىشنى كىچىكتۈرىدىغان بىر...

  • يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟

    بەزى قىزلار يالغان كىرپىك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، كۆز ئەتراپىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان يالغان كىرپىكلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بەزىلىرى ھ...

  • كىلىنلەر ئەخلاقى

    كېلىنلەر ئەخلاقى كېلىن قېيىئاتا،قېينئانىسى،ئېرى،ئۇنىڭ قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىشى كېرەك. كېلىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتكە دېققەت قىلىشى كېرەك. كېلىن شەرمىي-ھايالىق ،ئىپپەتلىك بولۇشى كېرەك. كېلىن كەڭ قورساق،سەۋىر-تاق...

  • قىزلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ قۇيۇڭ

    بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت،يۈرۈش-تۇرۇش تاشقى قىياپەت جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتلارگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېرى ۋە تاشقى قىياپىتى ئارقىلى...

  • ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچىمەسلىكى كېرەك

    ...

  • ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

       كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار...

  • چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

    چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان . بىرۇنېي - چارتال...

  • قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

    قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئاپتورى: ئالىيە جېلىل ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىمۇ بىر قاتار ئىسلاھاتلار بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇ...

  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...