
ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم <ئىشرەت ئەنگىز>مۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە <ئەخلاقۇل جەمىلە>گۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،بۇرۇنقى خاننىڭ ئاياللىرىدەك ئالتۇن-كۆمۈش،زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى ۋە كەمچەت-قاماجۇۋىلاردىگەندەك نەرسىلەرنى قالدۇرماي سۇلتان ئابدۇرىشدخانغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان <مەن يېقىن سائەتتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىمەن.ئالىيلىرىدىن ئۈمىدىم شۇكى،كەمىنە روزىگارلىرى پۈتكۈل ھاياتىمدا ئەل مەدەنىيىتى ئۈچۈن تىرىشتىم،يازدىم.مېنىڭ ئاخىرەتكە سەرمايە بولغۇدەك ياخشى خىسلەت-پەزىلىيىتىممۇ يوق،مال-دۇنيايىم ئەسلا يوق.ئاۋۇ كات ئۈستىدىكى يېڭى تاغاردا ئۆز قولۇم بىلەن توپلىغان قومۇش قەلەم قىرىندىسى مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدا يىغقان خەزىنەمدۇر.مەن ھەربىر خەت ئۈچۈن ئۇچلانغان قومۇش قەلەم قىرىندىسىنى يىغىپ قويغان ئىدىم.ئۇ،مېنىڭ سىزغان قەلىمىمنىڭ ئەجرى ۋە سەمەرىسى بولۇپ قالسۇن،باقىي ئالەمگە ئېلىپ كېتەي ،مېنى يۇيىدىغان تەرەت سۈيى ئاشۇ قەلەم قىرىندىسىدا ئىسسىتىلىپ،بەدىنىم يۇيۇلسۇن.مۆھتەرەم ھەم ئالىمە مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت خېتى بىلەن يېزىلغان <مۇسھەپ-شېرىپ>يەنى قۇرئان كەرىمنى تېخى كۆچۇرۈپ بولالمىغان ئىدىم.شۇنى پاكىزە قىزلاردىن بىرى تاماملاپ پۈتكۈزگەي،ئەل-يۇرتتىكى ھەممەيلەنگە تەقدىم قىلغايلا.ئالىمە پاتىمە بىنت ئەھمەد بىننى مۇھەممەد سەمەرقەندى تەرىپىدىن خەتنى پارسىي بىلەن ھەقبەرەمگە خاتىرە يېزىلغاي >
بۇ ۋەسىيەت سۇلتان ئابدۇرىشىدخانغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ.ئۇ ئالىمە ،پازىلە،ئەفىفە<پاك،ئۆز نەپسىنى ساقلىغۇچى>ئاماننىسا خېنىمنىڭ پاك مۇھەببىتى،ھۆرمىتى،خاتىرىسى ئۈچۈن پاكلىقنى ساقلاپ،خۇددى ئەركەك ئاققۇدەك يەككە-يېگانە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇلارنىڭ راستچىل بولۇش،ئىنساپ قىلىش،ۋاپادار بولۇشتەك ئەخلاقىي-پەزىلەتلىرىنى كۆرگەن-ئ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
اڭلىغان ئەل-جامائەت بىر-بىرىنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىدىغان ۋە كۆيۈنۈدىغان بولغان؛ ئۆز يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ،ئەنئەنىۋى ئەدەب-ئەخلاقلىرىنى ساقلىغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئېدىل-ئورال تاتار ئالىملىرىدىن رىزائۇددىن ئىبن پەخرۇدىن <مەشھۇر ئاياللار>ناملىق ئەسەرنى يېزىپ،دۇنيا مىقياسىدا مەشھۇر بولغان 360نەچچە مۆھتەرەم ئانىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىىلىرىنى تونۇشتۇرغان.ئۇ يەنە قىزى زھينەپنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتاپ <ئائىلە>ناملىق ئەسەر يازغان.بۇ ئەسەردە ئەدەب-ئەخلاق،ئائىلە مەسىلىلىرى،بولۇپمۇ،ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ بۇرچى،ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى خېلى كەڭ تۈردە يورۇتۇپ بېرىلگەن.شۇڭا،بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا بىر نەچچە قېتىم نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ۋە جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.مەزكۇر ئەسەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق،بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ئەخلاقىي-پەزىلەت،مېھر-شەپقەتنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
