
1. خۇلق - مىجەزى. تۇنجى ئۇچىراشقاندا ، قىزلارنىڭ گۈزەل ھۆسنى كۆپ ھاللاردا يىگىتلەرگە نىسبەتەن ھەممىدىن بەكرەك بىۋاستە جەزبىلىككە ئىگە بۇلىدۇ ، مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ، يىگىتلەرنى ھەقىقى تۈردە ئۇزاققىچە مەپتۇن قىلدىغىنى -- قىزلارنىڭ خۇلىق - مىجەزىدۇر . قىزلارنىڭ بىرەر نازۇك ھىسياتى ، بىرەر ئېغىز سۆزلىرى يىگىتلەردە ئاسانلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردۇ . قىزلارنىڭ ئۈزىگە خاس كىيىم - كىچىكى ۋە گىرىمى يىگىتلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ ، ئۇلارنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىشتەك ئۈنۈم بىرىدۇ ، چۈنكى قىزلارنىڭ بۇ كىيىم - كىچەك ۋە گىرىمى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تۈس ئالغان بۇلىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2. زىرەكلىكى ، زىرەك قىزلار يىگىتلەرنى ھامان ئۈزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ ، پىكىر قىلىشقا ماھىر ، مۇستەقىل كۆز - قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلقىنى قىزغىنلىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ، تىرشىپ ئۈزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تۇلۇقلاپ باردىغان ، باشقىلاردا تەسىر قالدۇرالايدىغان قىزلار تەبىئىكى ، يىگىتلەرنى ئاشۇنداق قىزلار بىلەن بىللە ئۈتۈشتەك ئارزۇ ئۈمۈتكە كەلتۈرەلەيدۇ .
3. سەزگۈلۈكى : كۆپ ساندىكى يىگىتلەر سەمىمى رەپىقە ۋە پەزىلەتلىك ئانا بۇلالايدىغان قىزلار بىلەن جورا بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاشۇنداق قىزلارغا مۇھتاج ، ھامان بۇيرۇق بۇيىچە ئىش كۈرىدىغان ، مۇستەقىل ئىش كۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز قىزلاردىن خۇرسىنىدۇ ، تىرىشچان ، مىھماندوس ، دەر جاۋاپ ، باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتىدىغان ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ، پەزىلەتلىك ، تۈجۈبىلەپ ئىش كۈرىدىغان ئاياللار بىلەن بىرگە ئۈتۈش كىشىگە ھامان ئەركىن- ئازادىلىك ۋە شات - خوراملىق ئېلىپ كىلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. پاكىزلىقى: يىگىتلەر قىزلارنىڭ كىينىشىگە قاراپلا ئۇلارنىڭ خاراكتىرى ۋە سالاپىتىگە باھا بىرىدۇ . رەتلىك ، پاكىز، ياراشقان ئۈستىباش كىشىنى ئازادە ، چەبدەس كۆرسىتىدۇ ، يېڭى پاسۇندىكى كىيىم - كىچەك ھەۋىسىڭىزنى قوزغايدۇ .
5. مۇستەقىللىقى : ھاياتنىڭ قىممەت قارىشنى تۇرغۇزغان ، خىزمەت ۋە كەسىپتىكى نەتىجە بىلەن خوشاللىندىغان ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ، راھەت - پاراغەتكە بىرىلمەيدىغان ، باشقىلارغا تاينىۋالمايدىغان ، ئىنتلىش ۋە ھەۋىسى كەڭ ، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك قىزلار بىلەن جورا بۇلۇش تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ۋە ھاياتى كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ ، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك بۇنداق قىزلار يىگىتلەرنى ئۈزىگە ئالاھىدە مەپتۇن قىلىدۇ .