چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان .
بىرۇنېي - چارتال يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىش بىرۇنېيلىقلار چارتال يوپۇرمىقىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار ، ئۇنى قاينىتىپ ئىچسە ، قاندىكى ياغنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ ، دەپ قارايدۇ .
ھىندىستان - يوگا مەشىق قىلىش ھىندىستاننىڭ يوگا گۇمپىسى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ ، ھىندىستاندىكى سېمىز كىشلەر يوگا مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوقىتىپ ، ئورۇقلايدۇ.
مېكسىكا - دېڭىز يۈسۈنى ئىستېمال قىلىش مېكسىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ، دېڭىز يۈسۈنى ۋە كوففېئىن ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلسا ، ئورگانىزمدىكى ئارتۇقچە ياغلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىسرائىلىيە - تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئېيتىلىشچە ، تۇزلۇق سۇدا يۇيۇنغاندا سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . شۇڭا ، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان سېمىز كىشلەر ئۆلۈك دېڭىزغا چۆمۈلگىلى كېلىدىكەن .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئارگېنتىنا - قىزىلمۇچ يېيىش تەتقىقاتتا قىزىلمۇچتىن ئايرىۋېلىنغان مۇچ ئېلېمېنتىنىڭ ياغنى ئېرىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . شۇڭا ، ئارگېنتىنالىقلار مۇچ بىلەن بەدەننى ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مۇچ ئاسانلا تېرىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
فىلىپپىن ـ سەبرە ئىشلىتىش سەبرە (ئالوي) تېرىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تېرە ئاستىدىكى ياغنى پارچىلايدۇ ياكى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇڭا فىلىپىنلىقلار سەبرىنىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىشىنىدۇ .
ئەسلى مەنبە: «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى.
ئىز تورى بەك ياخشى