
دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە قىلىپ ، گۈزەل تۇرمۇشقا ، قىزغىن ھاياتقا ئىنتىلدۈرىدۇ ، كىشلەر قەلبىنى ياشارتىدۇ . ئەمما گۈزەللىكنى سۆيىدىغانلارنىڭ گۈزەللىكنى بىلىشى ، گۈزەللىكنى بىلگەنلەرنىڭ گۈزەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن . ئەگەر سىز گۈزەل خانىم–قىزلاردىن بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى ئىللەتلەردىن ساقلىنىڭ : ئىز تورى www.iz.la
1. رەتسىز كىيىنىش ، ئۈستبېشىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ، ئۆزىنىڭ ياش قۇرامى ، رەڭگى ، فىگورىسىغا قارىماي ، كىيىمنىڭ رەختى ، رەڭگى ، پاسونىدا مودا قوغلىشىش ، جۇغى كىچىك ئاياللار كەڭ كىيىملەرنى كىيىۋېلىش ، سېمىز ئاياللار توغرا سىزىقلىق ، چوڭ چاقماقلىق رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ ، تېخىمۇ سېمىز كۆرۈنۈش ، ئورۇق قىزلار قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ ، تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرۈنۈش ، ئۇخلاش كىيىمى ، ساپما كەش بىلەن سىرتقا چىقىش ؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. ئۆزىنىڭ كۆكرەك ، بەل ، بىلەك ، پۇتلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، يول يۈرگەندە ، ئولتۇرۇپ قوپقاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا قوپال ھەرىكەتلەرنى قىلىش ، بۇرنىنى كوچىلاش ، ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇۋالماي ئەسلەش ؛
copyright by www.iz.la
3. تولا گەپ قىلىش ، قوپال سۆزلەش ، كىشلەرنىڭ غۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ، قەستەن ئەركىلەش ، ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىش ، باشقىلارغا گەپ بەرمەسلىك ؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
4. قېنىق گىرىم قىلىش ، قاپقارا قاشلىق سىزىۋېلىش ؛ ئىز تورى بەك ياخشى
5. قېيىنئاتا–قېيىنئانىلىرىنى ، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىنى ھۆرمەتلىمەسلىك ، ئېرىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكىگە بەكلا ئېسىلىۋېلىش ، سەۋرچان بولماسلىق ؛ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
6. ئۆزىنىڭ چىرايى ، فىگورىسىغا ھەۋەسلىنىپ ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىنى تەمە قىلىش ، كەمتەر ، سەمىمىي بولماسلىق ، ساختا مۇئامىلىدە بولماسلىق ، تەنقىد ئاڭلاشنى ياقتۇرماسلىق .
www.iz.la
مەنبە؛ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى