ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋرو زايومى تارقىتىشىنىڭ ك...

ۋاقتى:2011-11-30 19:12مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزو يېقىندا: ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ياۋرو رايونى ئورتاق زايومى (ياۋرو زايومى) تارقىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى بازار ئەھۋالىغا ئۇيغۇن تەپەككۇر بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەكلىپنىڭ رېئال شارائىتتا ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىش- قىلىنماسلىقىنى ھازىرچە مۆلچەرلەش قىيىن. ئۈچ خىل لايىھە ئىتالىيە «خەۋەر» گېزىتى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان يېشىل تاشلىق كىتابتا ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىك لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى، ياۋرو رايونى بىر تۇتاش زايوم تارقىتىدۇ، 17 ئەزا دۆلەت بىر تۇتاش زايومغا ئورتاق كېپىللىك قىلىدۇ ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ زايومىنى تارقىتىشنى توختىتىدۇ؛ ئىككىنچى، ياۋرو رايونى بىر تۇتاش زايوم تارقىتىش ئارقىلىق ئېغىر قەرزگە بوغۇلغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ ئۈچىنچى، ياۋرو رايونى بىر تۇتاش زايوم تارقىتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زايومىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ، لېكىن ئەزا دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ زايومىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن قىسمىنى كېپىللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆججىتىدە، ئەمەلىي ئۈنۈم جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىرىنچى خىل لايىھە ئەڭ مۇكەممەل ھەم ئۈنۈملۈك، ئۈچىنچى خىل لايىھەنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ناچار ھەم ئىناۋەت دەرىجىسى تۆۋەنرەك دۆلەتلەرگە پايدىسىز، دېيىلدى. ئىككى لاگېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېشىل تاشلىق كىتابىدا ياۋرو زايومى تارقىتىش، «ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇق قەرز كىرىزىسىنى تېز يېنىكلىتىشكە پايدىلىق» ھەم «ياۋرو رايونىنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ»، دېيىلدى. بارغانسېرى كۆپ مەبلەغ سالغۇچى ۋە ئىقتىسادشۇناس: ياۋرو زايومى تارقىتىش ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر قەدەر ياخشى، شۇنىڭدەك بىردىنبىر لايىھە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. لېكىن قارشى تۇرغۇچىلار: ھازىر ياۋرو زايومى تارقىتىشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ يېتىلمىدى، ياۋرو زايومى تارقىتىشنى قارىسىغا تېزلەتسە، تەسىرى زور بولىدۇ، دەپ قارىدى. ياۋرو زايومى تارقىتىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە. ئەگەر، ياۋرو زايومى تارقىتىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ گىرېتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىناۋەت دەرىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مۇبادا، بۇ دۆلەتلەردە قەرز كىرىزىسى يۈز بەرسە، ياۋروپا زايومىغا باغلىنىپ قالغان گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن فىرانسىيە زپىرېزىدېنتى ساركوزى ھازىرقى باسقۇچتا ياۋرو زايومى مەسىلىسىنى ۋاقتىنچە ئويلاشمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. باشقا تاللاش بارمۇ؟ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزو: «پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇش ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ياۋرو رايونى كېلەر يىلى سىستېمىلىق تەخىرسىز مەسىلىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنداق خىرىسقا داۋاملىق تاقابىل تۇرۇشى، شۇنداقلا كىرىزىسنى ھەل قىلىدىغان ھەر قانداق مۇمكىنچىلىك لايىھەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك»، دېدى. گېرمانىيە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە «ياۋروپا قايتۇرۇش فوندى» قۇرۇش، قەرز سەۋىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلگىلىگەن يۇقىرى چەكتىن، يەنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60ىدىن ئېشىپ كەتكەن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ نورمىدىن ئارتۇق قەرزىنى بۇ فوند ئۆتكۈزۈۋېلىش تەكلىپىنى بەردى. بېلگىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى گۈي ۋېرخوفسىتاد مۇنداق دېدى: ياۋرو رايونىدا بىر تۇتاش ئىقتىسادىي ھۆكۈمەت قۇرۇلسا ھەم ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ياۋرو زايومى تارقىتىلسا، ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنى ئاندىن ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

      
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...