لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى گۇمان سادالىرى ئىچىدە ھا...

ۋاقتى:2011-11-30 19:12مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     لىۋىيە «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ھاشىم كېيب 22-نويابىر پايتەخت تىرىپولىدا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۆزى باش مىنىستىرلىقغا تەيىنلەندى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىلاپ ۋە يەرلىكنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلدى. ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەر ۋاقتىنچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى مەنپەئەت توقۇنۇش كۈرىشى تېخى ئاخىرلاشمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت يەنە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن. كابىنېت تىزىملىكى چىقىرىلدى كېيب 22-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باش مىنىسىرى، ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە 24 مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇستافا بۇشاگۈل ۋە ئوسما كېرىم مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىققا، غەربىي قىسىمدىكى زىنتان شەھىرىنىڭ يەرلىك قوراللىقلىرىنىڭ قوماندانى ئوسما جۇۋالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا، ئاشۇرا بېن ھايران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا، ھەسەن زىھلام مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. ھەر قايسى تەرەپلەر تەسلىكتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماجىراسى سەۋەبىدىن، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىي قىسمى تىزىملىكى ئەسلىدىكى بېكىتىلىگەن ۋاقىتتىن بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىندى. 22-نويابىر ئېلان قىلىنغان كۈنى ئابدۇللا ھاشىم كېيب ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئىككى سائەت كېيىن جامائەتچىلىك ئالدىدا پەيدا بولدى. ئەمەلىيەتتە، تىزىملىكنى ئېلان قىلىنغىچە، ھەر قايسى كۈچلەرنىڭ ئېلىشىشى ئاخىرلاشمىغانىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىشقا يېرىم سائەت قالغاندا، سابىق مالىيە مىنىستىرى شامام مۇخبىرلارغا ئابدۇللا ھاشىم كېيبنىڭ بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە 23 مىنستىر تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما، ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە 24 مىنىستىر تەسىس قىلىنغان. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ ئەسلىدىكى ئون نەچچە مىنىستىردىن پەقەت ئۈچىلا قېپقالغان. تىرىپولىدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت كومىتېتىدىكى ئەسلىدىكى كۆپ ساندىكى مىنىستىر بەنغازى ۋە تىرىپولىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيب ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى كۈچىدىن ۋاز كەچتى. بىراق يېڭى ئەزالارغا قارىغاندا، سايلىنالماي قالغانلار لىۋىيەنىڭ ھازىرقى دۆلەت ئەھۋالى بىلەن تېخىمۇ تونۇش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسىگە ئىگە. تېخىمۇ كۆپ يېڭى كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشەلىشىنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىستىقبالدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ كېيبنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەدلىيە سىستېمىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قوراللىق كۈچىنى تەرتىپكە سېلىش، شۇنداقلا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش ئاساسىدا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. بىراق بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېيشتى: لىۋىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە يەنە نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللار مەۋجۇت بولۇپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولىدا تېخى قىيىنچىلىق كۆپ. قورال-ياراغلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشى− ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى جەھەتتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە. سىياسىي جەھەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئەزالىرى مەسىلىسىدە ۋاقتىنچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىختىلاپ تېخى تۈگىمىدى. شۇڭا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتكۈل مەملىكەتتە ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن. ئىقتىسادىي جەھەتتە، لىۋىيەنىڭ خەلق ئىگىلىكى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن مەبلەغ توڭلىتىۋېتىلىگەنلىكتىن، مەملىكەت ئىچىدىكى بانكا سىستېمىسىنىڭ كۆچمە مۈلۈكى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئاۋامنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتتىن كۈتكەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈمىدى كۈچلۈك بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. خەلق تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېيب ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن زور خىرىس ھېسابلىنىدۇ.  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


      
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...