رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 21-نويابىر موسكۋادا: غەربنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىشقا قۇترىتىش قىلمىشى خەلقئارا سىياسىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، دېدى.
تەھلىلچىلەر: لاۋروۋنىڭ سۆزى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كىرىزىسنى تىنچ ھەل قىلىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت رۇسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئىزچىل مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دېدى. بىراق، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ھەم پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، رۇسىيە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشقا ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىشى مۇمكىن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق قارىدى: سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن ئوخشاشمايدىغان مەيداندا چىڭ تۇرۇشى نۇرغۇن جەھەتتىكى ئويلىنىشنى، ئالايلۇق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدە لىۋىيە ئويۇنىنى قايتا ئويناش، خەلقئارا قانۇننى قوغداش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى ھەم غەربنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇنتىزملاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلغان. لېكىن، ئەڭ تۈپ سەۋەب يەنىلا رۇسىيەنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇش، خالاس. ئىز تورى www.iz.la
سۈرىيە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئەنئەنىۋى دوستلۇق بار. سوۋېت ئىتتىپاقى سۈرىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەم سۈرىيەنى زور مىقداردا قورال بىلەن تەمىنلىگەن. ئەينى چاغدا، نۇرغۇن سۈرىيەلىك سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى ھازىر سۈرىيە ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سۈرىيە بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلىدى، سۈرىيە ھازىر رۇسىيە قورال - ياراغلىرىنى سېتىۋالغۇچى 3-چوڭ دۆلەت بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان مۇھىم تىرەككە ئايلاندى. copyright by www.iz.la
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە سۈرىيەنىڭ تارتۇس پورتىدىكى بازىسىنى ساقلاپ قالدى. بۇ، رۇسىيەنىڭ م د ب غا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەردە تەسىس قىلغان بىردىنبىر ھەربىي بازىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىردىنبىر پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسى. بۇ بازىنى ساقلاپ قېلىش رۇسىيە چېگراسىغا كۈنسېرى قىستاپ كېلىۋاتقان ش ئا ئە ت نى چەكلەش، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى توقۇنۇش ھەم ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا شۈبھىسىزكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سۈرىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىش-قالالماسلىق رۇسىيەنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جۇغراپىيەلىك مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. copyright by www.iz.la
غەرب ئىلگىرى-كېيىن ئىراق، ئافغانىستان ۋە لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتتى ھەم رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتى ۋە جۇغراپىيەلىك مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بۇ دۆلەتلەردە غەربپەرەس ھاكىمىيەت ئورناتماقچى بولدى. ھازىر رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پەقەت سۈرىيە، ئىران قاتارلىق ئاز ساندىكى ئىتتىپاقداشلىرىلا قالدى. مۇبادا، سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئالماشسا، ئىران غەرب زەربە بېرىدىغان يەنە بىر نىشان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. www.iz.la
سۈرىيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى باسام ئابدۇللا مۇنداق دېگەن: سۈرىيە ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم جۇغراپىيەلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، سۈرىيەنى قوغدىغانلىق ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىغا باراۋەر. www.iz.la
لېكىن، ھازىر سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئىستىقبالى ئانچە ئېنىق ئەمەس، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە يەنە باشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يىل 6-، 9- ۋە 11-ئايدا سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رۇسىيە دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى خەلقئارا خەۋپسىزلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالباتوۋ: رۇسىيە سۈرىيەدىكى بەشىر ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قوغدىماي، ئەكسىچە، «ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پويىز»غا ئۈلگۈرۈپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك، دېدى.
ھازىر، قارىماققا رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىگەندەك قىلىدۇ. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى − «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى»نىڭ ۋەكىللىرى 11-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا: مۇبادا سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ئالماشسا، بىز رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىمىز، دەپ ۋەدە بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن