ئەقلى ئارقىدا قالغان بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن،بىلىم تەجرىبىسى كەمچىل،مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقىتىدارى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئاڭلىقلىقى،تەشەببۇسكارلىقى يېتەرسىز،چىدامچانلىقى ئاجىز،ھەرىكىتى سۇس كېلىدۇ،مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر ئۇلار مۇرەككەپ بولغان كۈزىتىش،خاتىرە،تەپەككۇر ۋە خىيال قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك ئېلىپ بارالمايدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئەقلى ئارقىدا قالغان بالىلارنىڭ پائالىيەت مەقستىنى ئېنىق قىلىپ،ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ ۋە قىيىن شارائىتلارغا ماسلىشىپ،پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن،بىرىنچىدىن،بالىلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارغا تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى ئىشلارنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا،قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش لازىم،ئاندىن ئاڭلىق ھالدا ياخشى ئىشنى تاللاپ قىلىش مەقسىتى يېتلىدۇ ۋە ئۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ بالىلارنىڭ بىلىم تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلار بەزى ئىشلارنى توغرا ھەم ياخشى قىلىپ كېتەلمەيدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ (دۆت).(كالۋا)دەپ ئەيبلىمەستىن،ئۇلارغا مەلۇم ئىشنى ۋەزىپە قىلىپ بېرىشتىن ئىلىگىرى،چوڭلار ئۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى بالىلارغا بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويۇشى ھەمدە پائالىيەت جەريانىدا مەسىلە ھە قىلىشتا مەلۇم قىينچىلىقلارغا يولۇقسا،ئۇلارنىڭ مەسلىنى ھەل قىلىشغا مۇۋاپىق ياردەم قىلىپ،پائالىيەت تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن پائالىيەتنىڭ نەتىجىسگە ئاساسەن ئىمكانقەدەر ئۇلارنى كۆپرەك ماختاپ،ئىلىھاملاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇرش لازىم،ئۈچۈنچى،ئەقلى ئارقىدا قالغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يېتلىدۈرۈش ئۈچۈن ئۇالرغا قانداق ئولتۇرۇشنى،چوكا ۋە قوشۇقنى قانداق ئىشلىتىشنى،تاماقنى قانداق يېيىشنى،تاماقتىن ئاۋۋال قانداق ئىشلىتىشنى،تاماقنى قانداق يېيىشنى ،تاماقتىن ئاۋۋال قولنى پاكىز يۇيۇشنى،ئۆينىڭ ئازىلىقىنى ئاسىراشنى،ئۆيدىكى نەرسىلەرگە قالايمىقان چېقىلماسلىقىنى،كىيم-كېچەكنى پاكىز كىيىشنى ۋە رەتلىك قويۇشنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇش لازىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار