بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا قا...

ۋاقتى:2011-11-22 19:14مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كىچىك بالىلار، ئادەتتە، قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاغزىغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ، بولۇپمۇ تۈگمە، تەڭگە پۇل قاتارلىق نەرسىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە نەرسىلەر بولغاچقا، بۇنداق نەرسىلەر قولىغا چىققان ھامان ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئېغىزغا سالغاندا يۇتۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن ئېغىر پاجىئەلەرمۇ كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاتا - ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەلقەم ئابدۇباقى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بالىنىڭ گېلىدە يۇقىرىقىدەك نەرسىلەر تۇرۇپ قالسا، ئاۋۋال بالىنى يۆتەلدۈرۈپ نەرسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئەگەر بالا ئۆزلۈكىدىن يۆتىلىشكە ئىمكان بولمىسا، بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يۆتەلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگىنىمىز، ئادەتتە، ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ ئېغىزىغا غەيرىي نەرسە كىرىپ كەتكەندە بالىنىڭ دۈمبىسىدىن قۇچاقلاپ، ئىككى قولنى قورساقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، قورسىقىنى تۇيۇقسىز ئۈستىگە قارىتىپ بېسىپ، دۈمبىسىگە ئۇرۇش كېرەك، قورساققا بېرىلگەن تۇيۇقسىز بىسىم بىلەن بالىنىڭ گېلىگە تۇرۇپ قالغان نەرسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ياشلىق بالا بولسا بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر قولدا مەھكەم تۇتۇپ، بېشىنى پەسكە قارىتىپ دۈمبىسىگە بەش قېتىمدىن سەككىز قېتىمغىچە بوشراق ئۇرۇش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە بىر قانچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن بالا ئېغىزىنى ئاچىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىزىغا كىرىپ كەتكەن نەرسە كۆرۈنسە قول بىلەن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر بالىدا نەپەس سىقىلىش، خىرقىراش، لەۋلىرى كۆكۈرۈش، ئاۋازى پۈتۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. بالا يۇتۇۋالغان نەرسە مەيلى چىقسۇن-چىقمىسۇن چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر بالا يۇتۇۋالغان نەرسە يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ، بەك چوڭ بولمىسا، چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ تەرىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك، ئادەتتە، غەيرىي نەرسىلەر ئۈچەيدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدۇ. نەرسە ئۈچ كۈنگىچە چىقمىسا دوختۇرخانىغا يەنە ئاپىرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، بالىلار بەزىدە ھاشارات ۋە چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىغا ئوخشاش زەھەرلىك دورىلارنى يەۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا ئالدىنقى بىر-ئىككى سائەتتە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، كېيىنچە چوڭ - كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، ئەس - ھوشى جايىدا بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا دورا دەرھال تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىش، كۆزىنىڭ قارىچۇقى كىچىكلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە زەھەر قانغا ئۆتۈپ كېتىپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. دىياگنوز قويۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە بالا يەۋالغان دورا قالدۇقىنىمۇ ئېلىپ كېلىش كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...