يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىل...

ۋاقتى:2011-11-22 19:14مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان، سىقىلىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوندا پاراڭلىشىش، ئالاقە قىلىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپەيگەچكە، ئىختىيارسىز بۇنداق پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن. ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، مىكرو بىلوگلارغا يازما يوللاش، دوست ئىزدەش، توردىن مال سېتىۋېلىش... قاتارلىق مەشغۇلاتلار يان تېلېفوندىلا بېجىرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى يان تېلېفون ئابۇنتلىرى 5 مىليارد 280 مىليونغا يېتىپ، يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2011- يىلى 8-ئايلىق ئالاقە كەسپى ئومۇمىي ئەھۋالى» دا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنتى 940 مىليونغا يېتىپ، يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.8كە يەتكەن. بىر قېتىملىق بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 34 ياشتىن 52 ياشقىچە بولغانلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە 50 ياشتىن ئاشقان ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفون نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىگىلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يان تېلېفونغا بېقىنىش گەرچە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن. تەن سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسى، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يان تېلېفونغا زىيادە بىقىنىۋېلىش كىشىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش، چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىدىكەن. پىسخىك ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يان تېلېفونغا بېقىنىش كېسىلى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن: خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يان تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ بۇ كېسەلگە «گىرىپتار» بولغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ. باشقىلار بىلەن كۆپرەك يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، كۆپرەك دىققەتنى يان تېلېفوندىن باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى ئازايتىڭ. ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئىچىش ۋەجىدىن يان تېلېفونغا بېقىنىپ قالغان بولسىڭىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ، ساياھەت قىلىش، سىرتلاردا سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىڭ. ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە يان تېلېفونغىلا تايىنىۋالماي، گېزىت كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...