شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنلىرىد...

ۋاقتى:2011-11-23 23:52مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنلىرى 19-نويابىر چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئاياغلاشتى، قىسقىغىنا ئۈچ كۈندە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە (10+1) رەھبەرلىرى يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە (10+3)رەھبەرلىرى يىغىنىدىن تارتىپ، ئاخىرىدا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر، شەرقىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پائال ئۇچرىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىرلىكتە بەلگىلىدى. بۇ قېتىمقى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويغان، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا «يېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان»، «شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى» خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە ئېچىلدى. يىغىندا ماقۇللانغان خىتابنامە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق گەۋدە قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى 19-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى «دۇنياۋى دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى بالى خىتابنامىسى» («بالى 3-ئاتلانتا دۆلەتلەر خىتابنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى ئىمزالاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ زور رول ئويناش ئۈمىدىنى نامايان قىلدى. خىتابنامىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشنىڭ خەلقئارا يېڭى ۋەزىيەتتىكى مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. خىتابنامىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىرلىشىشىنى كۈچەيتىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ئوبرازىنى يەنىمۇ ياخشىلاش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى خىتابنامىدە، 2022-يىلىغا بارغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى دۇنياۋى ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىدىغان ئورتاق سۇپىغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىپ، تاشقى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، رايون سىرتىدىكى چوڭ دۆلەتلەر ۋە دۇنيا بىلەن بىرلىشىشى مۇقەررەر زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى چوقۇم «دۇنياۋى دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى» ئىچىدىكى تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئۆزگىرىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ ئىشلارغا كۆپ قېتىم شاھىت بولغان بالى ئارىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ كېيىنكى ئون يىللىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. «10+3» ھەمكارلىق مېخانىزمى: ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولۇپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئورتاق مۇزاكىرە قىلىندى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى قاتناشقان «10+1» ۋە «10+3» يىغىنى داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولدى. ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولۇش − «10+1» ۋە «10+3» ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، كورېيە، ياپونىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئىسراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئالاقە باغلاش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئامبىرى («قان ئىسكىلاتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان گۈرۈچ زاپىسى ئامبىرى («ئاشلىق ئامبىرى») قۇرۇش جىددىي مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «10+3» ھەمكارلىق مېخانىزمى شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ھەم رايون مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى كۆپ خىل ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى، ئىشىنىمىزكى، بۇ مېخانىزم داۋاملىق ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ. شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى 6-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كونكرېت نەتىجە سۈپىتىدە، يىغىندا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پىرىنسىپى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىتابنامە ماقۇللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پىرىنسىپى خىتابنامىسى − رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەرىكەت مىزانى بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر مالىيە - ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مائارىپ، يۇقۇملۇق كېسەل، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بەش چوڭ نۇقتىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى. ۋېن جياباۋ 19-نويابىر شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىرقى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر خىرىس شەرقىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىش بولۇپ قالدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى − شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاش، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بىز جەزمەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى بۇ جەھەتتە جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


      
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...