فىلىپپىن ئارويونىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى توسماقتا

ۋاقتى:2011-11-18 15:31مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     فىلىپپىننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئارويو 15-نويابىر پايتەخت مانىلا ئايرودۇرۇمىدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاز كۆرۈلىدىغان سۆڭەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئارويو سىنگاپورغا بېرىپ داۋالانماقچى بولغان. گەرچە، شۇ كۈنى فىلىپپىن ئالىي سوت مەھكىمىسى ئارويونىڭ دۆلەتتىن چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولمىدى دەپ ئارويونىڭ دۆلەتتىن چىقىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئارويو دۆلەت ئىچىدە داۋالانسا تامامەن بولىدۇ دەپ قارىغان. بىراق فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 16-نويابىر ئارويو يەنە دۆلىتىدىن چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ دېدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 15-نويابىر ئالىي سوت مەھكىمىسى ئارويونىڭ دۆلەتتىن چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ئارويو شۇ كۈنى كەچتە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، يولدىشى جوسىف مىگىل بىلەن مانىلا ئايرودۇرۇمىغا باردى، ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، بوينىغا تىرەك ئېسىۋالغان ئىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئايروپىلان ساقلاش زالىغا كەلدى ھەم سىنگاپورغا بېرىپ داۋالىنىش ئۈچۈن، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرمەكچى بولدى. خەۋەردە يەنە فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغانلىقتىن، ئەدلىيە مىنىستىرى دېلما ئارويونىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى توسۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. سابىق دۆلەت رەھبىرى بولغان ئارويو يېتەرلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى، بىراق ھۆكۈمەت يەنىلا ئارويونىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى توسۇشنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندى. ئارويونىڭ چېگرىدىن چىقىش يولىنى ئەگرى-توقاي بولدى دېيىشكە بولىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئارويو ئىلگىرى بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. شۇڭا ئۇ فىلىپپىندا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. لېكىن ئاخىرىدا ئوپېراتسىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئاز كۆرۈلىدىغان سۆڭەك كېسىلى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئارويو ھۆكۈمەتتىن چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشقا قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغان. فىلىپپىن ئالىي سوت مەھكىمىسى ئارقىدىن كېسىم چىقىرىپ، ئارويو ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ دۆلەتتىن چىقىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان، لېكىن ئۇنىڭدىن 46 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق كېپىللىك راسخوتى تاپشۇرۇش ھەم داۋالىنىدىغان دۆلەتكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال شۇ جايدىكى فىلىپپىن ئەلچىخانىسىغا دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە يۈز بەرمىدى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشنى ئويلاشماقتا، شۇڭا ھۆكۈمەت ھازىرچە تېخى ئارويونى چېگرىدىن چىقارمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا قارىتا، مىگىلنىڭ ئادۋوكاتى تېپاسىئو ئىشەنچىمىز كۈچلۈك، ئارويو ئايروپىلانغا قايتىدىن چىقالايدۇ دېدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئارويونىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى رەت قىلىش سەۋەبى ھەققىدە تەھلىلچىلەر ھۆكۈمەت ئارويو ئىلگىرى دۇچ كەلگەن بىر قاتار شىكايەتلەرنى ئويلىشىپ، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە دەپ قارىدى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئارويو بۇندىن بۇرۇن پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە چىرىكلىك، سايلامدا ئالدامچىلىق قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن، ھازىرقى پىرېزىدېنت ئاكىنو ئۈچىنچى تەختكە چىققاندىن كېيىن بىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاش كومىتېتى قۇرۇپ، ئارويونىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە چېتىشلىق بولغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇلار ھازىر ئارويونىڭ فىلىپپىن بىلەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ئىمزالىمىغان بىر دۆلەتكە قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئارويونى سوتلاش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.  
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...