نورۋېگىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، نورۋېگىيە سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 22-ئىيۇل 76 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان رادىكال ئوڭ قانات جىنايەت گۇماندارى بېرۋېكنى 2012-يىلى 16-ئاپرېل رەسمىي سوتلاش، شۇ چاغدا سوت جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى قارار قىلغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە ئىتتىرى ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى پۈتكۈل غەربنى چۆچۈتۈۋەتتى. يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار يامان سۈپەتلىك ۋەقەلەردىن شۇ ئايان بولدىكى، ئىقتىسادنىڭ كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشى بىلەن ئاۋامدا نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا بولغان، ھۆكۈمەتلەر ئۆز دۆلىتىدە يامراۋاتقان رادىكال ئوڭ قانات كۈچلەرگە بولغان ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويغانلىقتىن، رادىكال ئوڭ قانات كۈچلەر ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گېرمانىيەدە رادىكال ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ قاتىللىق دېلوسىنىڭ ئىچكى تەپسىلاتىنىڭ تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئاممىسى ۋە سىياسىي سەھنىسىدىكىلەر رادىكال ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن رادىكال ئوڭ قانات تەشكىلاتلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. يۈرۈشلۈك قاتتىلىق دېلولىرىدىن، گېرمانىيەدىكى رادىكال ئوڭ قانات تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە تېررورچىلار دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىماسلىق، تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ كۆز-كۆز قىلماسلىقتەك ئالاھىدىلىك بارلىقى ئايان بولدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 10 نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆزىنى ئېتىۋالغان ئىككى ئەر ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بىر ئايال «يەر ئاستى گائۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلاتقا تەۋە ئىكەن، بۇ تەشكىلات ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىرقچىلىق ھەققىدە گەپ-سۆز تارقاتقان ھەمدە ئۆزلىرى بومبا ياساشقا ئۇرۇنغان. ساقچىلار تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، بۇ ئۈچەيلەن ئۇزۇن مەزگىل قېچىپ يۈرگەن. 2000-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ چەتئەللىك توققۇز كۆچمەننى ۋە بىر ساقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ساقچىلار بۇ ئۈچ تېررورچى گۇماندارنىڭ ئۆيىدىن بىر تۈركۈم DVD پلانستىنكىسى ۋە يېزىقلىق ماتېرىيالنى ئاختۇرۇپ تاپقان. بۇ ماتېرىياللاردا ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تۇغدۇرۇش جەريانى ۋە مەقسىتى خاتىرىلەنگەن، نۇرغۇن ماتېرىياللار كونۋېرتقا سېلىنغان بولۇپ، تاراتقۇلار ۋە ئىسلام رادىكال تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلمەكچى بولغانىكەن.
بۇ دېلو گېرمانىيەدە غايەت زور تەسىر پەيدا قىلدى. زۇڭلى مېركىل بۇ «گېرمانىيەنىڭ نومۇسى» دېدى، ھەمدە جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى. نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەر «ھۆكۈمەتنىڭ رادىكال ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەت بوشاشتۇرۇپ قويۇشى مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى» دەپ قارىدى. «ئەينەك لىنىيەسى» نىڭ خەۋىرىدە «ھۆكۈمەت تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش بايلىقىنى خاتا ئىشلىتىپ قويدى، ئىسلام رادىكال تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىقتىدارىنى كۆپتۈرۈۋەتتى» دەپ قارالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
رادىكال ئوڭ قانات تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، خرىستيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ۋە باشقا بىر قانچە پارتىيە-گۇرۇھ 14-نويابىر قايتىدىن بىر قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ، رادىكال ئوڭ قانات پارتىيە-دۆلەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن مەنئىي قىلماقچى بولدى. دۆلەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم شىتاتلىق پارلامېنتلاردا ئورنى بار. باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى «دۆلەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تېررورلۇق قاتىللىق دېلولىرى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ پارتىيە رادىكال ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىگە سىياسىي ئاساس سېلىپ بەردى» دەپ قارىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئامېرىكىدىمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پارتلىدى. نيويوركتا يۈزگە يېقىن شەھەر ئاھالىسى 13-نويابىر كوچىغا چىقىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلار يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇۋېتىش ۋە ناتسىست پارتىيەنىڭ گىربىنى سىزىپ قويۇش ۋەقەسىگە ئېتىراز بىلدۈردى. نيويورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بلونگى «دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن بۇ شەھەردە مۇشۇنداق ئۆچمەنلىك قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋېليامىسبۇرگتىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر يەھۇدىي لاتىن ئامېرىكىسىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان بىر توپ كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، گەرچە ساقچىلار بۇنى ئىرقىي ئۆچمەنلىك ئەمەس، بەلكى بولاڭ-تالاڭ قىلىش ۋەقەسى دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە يەھۇدىيلار رايونىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. www.iz.la
يەھۇدىيلار ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %2-%3 ىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىساد ساھەسىدە، ۋول كوچىسىدىكى سەرخىللارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك يەھۇدىي. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۇدىيلار ۋائىزلىق تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىيغا ئىئانە بېرىش، بىۋاسىتە سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىيسىدا ئاللىبۇرۇن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
ئىز تورى www.iz.la
نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادىي كاساتلىشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا، مۇشۇنداق پەيتتە ئامېرىكا ئاممىسى تىغ ئۇچىنى ۋول كوچىسىدىكى كاپىتالىستلارغا قاراتتى. تەھلىلچىلەر «بەزىلەر باي-نامراتلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە بولغان نارازىلىقىنى يەھۇدىيلارغا قاراتماقتا» دەپ قارىدى. ئامېرىكىدىكى بىر كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %15 ئامېرىكىلىقتا ئاساسسىزلا يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيە شەكىللىنىپ قالغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
www.iz.la