ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئېچىلىۋاتقان شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىدا، رايونلار ھەمكارلىقى ئورتاق پىلانى ھەققىدە كېڭىشىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، 2011-يىلى تارىخ بەتلىرىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى خارتىيىسىگە ئاساسەن 2020-يىلى قۇرۇش پىلانلانغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىدە ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسى تايانچ قىلىنىپ، كەلگۈسى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇلىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، دىنى ۋە تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى پەرقى بىرقەدەر چوڭ ، شۇڭا ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ماس قەدەمدە تەرتىپلىك ھەمكارلىشىشى ــ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئىش، خۇددى ھىندونېزىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، رايونلار تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى رايونلارنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق، جۈملىدىن جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېىشىشىمۇ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنى، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق بىر يۈرۈش يىغىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش، سەھنىسىگە ئايلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدى. ئىز تورى بەك ياخشى
جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېقىن قوشنىسى، ئۆتكەن 20 يىلدا، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك سۆزلەشكۈچى شېرىكلەردىن يېقىن قوشنا، ئىشەنچلىك شېرىكلەرگە ئايلاندى، يەنە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتتىن ئومۇميۈزلۈك، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق قېلىپىنى شەكىللەندۈردى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەڭگۈ ياخشى دوست، ياخشى شىېرىكلەردىن بولۇش ــ جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسى، 1955-يىلى زۇڭلى جۇ ئېنلەي يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن خېيىم خەتەرگە قارىماي ھىندونېزىيەگە بېرىپ، ئاسىيا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە باندۇڭ روھىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارانىڭ سىياسىيسىغا ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي مىراس قالدۇرغان ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، مول ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى، يېقىندىن ھەمكارلىشىش، دۇنياغا كۆز تىكىش، تىنچلىقنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش، گۈللىنىشنى نىشان قىلىش ئورتاق شۇئارغا ئايلاندى.
ئىز تورى www.iz.la
گۈللىنىش تىنچلىققا مۇھتاج، ئىتتىپاق بولغاندىلا ئاندىن مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جۇڭگو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىياسىيدا، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يولىدا ماڭىدۇ، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، دوست ئۆتۈش ــ جۇڭگونىڭ ئۆزگەرمەس دىپلوماتىيە فاڭجېنى، ئىقتىساددا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى ئىقتىسادىنىڭ تېز يۈكسىلىشى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ 2015-يىلى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولۇدىكى، سىياسىي،ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تۈگۈن ، ئۆزئارا بىرى بىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قوشۇمچە قىلغاندا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى كەڭ بولىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى