شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان پادىشاھلىق ئىستىبدات تۈزۈمگە خاتىمە بەردى. جۇڭگونىڭ پارتىيە گۇرۇھلار دەرۋازىسىنى ئاچتى. جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان قىسقىغىنا بىر يىلدا جۇڭگودىكى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يەتتى. بۇ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي ساھەدە جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن تۇنجى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىسلاھاتى.
شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە جۇڭگو پارتىيەلىرى ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلاپ، ئاساسلىقى ئىككى چوڭ پارتىيە بارلىققا كەلدى. بىرىنچىسى: ئىنقىلاب پارتىيەسى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ پارتىيە «توڭمىڭخۈي» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئاساسى سۈن جۇڭشەننىڭ «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» بولۇپ، بەلگىلىك دەسلەپكى شەكىلگە ئىگە ئىدى. بۇ ئىنقىلاب گۇرۇھى ئىدى. يەنە بىرى ئاساسىي قانۇن چىقارغۇچى گۇرۇھلار بولۇپ، «پادىشاھنى قوغداش پارتىيەسى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار نىسبىي تارقاق ئاپپارات بولۇپ، ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن كاڭ يوۋۋېي، لىياڭ چىچاۋ چەتئەلدە ئىدى. ئۇلارنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلىگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. ئىنقىلاب پارتىيەسىدىكىلەر ئىنقىلابى تەشۋىقات ئېلىپ باردى. خۇسۇسىي گېزىت چىقاردى. تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى. قوزغىلاڭغا تەشكىللىدى. شىنخەي ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كىيىن، پارتىيەلەر تېخىمۇ جانلاندى. قىسقا مەزگىل ئىچىدە 100پارتىيە قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇنداق ئىككى يۆنىلىشتە ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بىرى ئىلگىرىكى «توڭمىڭخۈي»نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان گومىنداڭ پارتىيەسى، يەنە بىرى ئىلگىرىكى پادىشاھنى قوغداش پارتىيەسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان تەرەققىيات پارتىيەسى ئىدى. 1- قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا گومىنداڭ غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو پارتىيە گۇرۇھلار دۆلىتى بولغاچقا، يۈەن شىكەي خەلق پارتىيەسىنى تەشكىللىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى: ئەينى مەزگىل جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان يىلىدىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ 2- يىلىغىچە بولغان مەزگىل پارتىيەلەر تازا يۈكسەلگەن ھەم يۈكسەك دەرىجىدە بۆلۈنۈۋاتقان، ئالمىشىۋاتقان جەريان بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلغانىدى. www.iz.la
شىنخەي ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كىيىن، جۇڭخۇا مىنگونىڭ «ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى»دا كىشىلەرگە يىغىلىش، تەشكىلات قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىپ، جۇڭگو پارتىيە سىياسىي دەۋرىگە كىردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا: جۇڭخۇا مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارتىيە گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلار 312گە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاساسەن ئامما بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورناتمىغانىدى. سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ قالسىلا، بۇ پارتىيە گۇرۇھلار خۇددى تۇماندەك غايىب بولدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گومىنداڭنىڭ ئەمەلىي مەسئۇلى سوڭ جىياۋرېن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ ھەل قىلىنمىغانلىقتىن، يۈەن شىكەي بىلەن گومىنداڭ قارشىلاشتى، نەتىجىدە گومىنداڭ مەغلۇپ بولدى. پارتىيەنىڭ سىياسىيسىگە ئالاقىدار پارلامېنت سىياسىيسىمۇ توختىدى. يۈەن شىكەي ئۆلگەنگە قەدەر پارتىيە گۇرۇھلار يەنە جانلاندى. ئەسلىدىكى تەرەققىيات پارتىيەسى تەتقىقات سىستېمىسى بولۇپ كەتتى. ئەسلىدىكى گومىنداڭ يەنىلا تۇرىۋەردى. باشقا كىچىك پارتىيەلەرمۇ ئىنتايىن جانلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەلەر پارلامېنت سىياسىيسىگە تايانماي، مىللىيتارست سىياسىيسىگە تاياندى. مىللىي تارىست سىياسىيسىدىكى ئۆزگىرىش ئىنتايىن تېز بولدى. ئاخىرىدا بۇ گۇرۇھتىكى ساۋ كۈن پىرېزىدېنتلىقنى سېتىۋېلىش بىلەن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ پارتىيەلەر ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە جىددىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە قويمىدى. خەلق ئاممىسى قوللىمىسا پارتىيەلەر مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئون يىلدىن كىيىن يەنى 1921-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى جىياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدە دۇنيا كەلدى. بۇ پۇقرالارنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان پارتىيە مىسلىسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان جۇڭگوغا ھەقىقىي ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!