شىنخەي ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگودىكى بارلىق تارىخى ھەرىكەتلەر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پادىشاھلىق تەختىنى ئىگىلەشنى باش مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەر ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى شۇكى: ئىنقىلابتا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم- پادىشاھ ھوقۇقى ھۆكۈمرانلىقىغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنى تەۋرەتتى. قۇراللىق قوزغىلاڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق پادىشاھنى تەختتىن غۇلاتتى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شىنخەي ئىنقىلابى 20-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تارىخى مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ئىدىيەسىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلدى.كاپىتالىستىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى فېئودال پومېشچىكلار سىنىپىدىكى پادىشاھلىق ئىستىبدات تۈزۈمى ئورنىغا دەسسىتىپ، جۇڭگو تارىخىدا ئالاھىدە بۇرۇلۇش ياسىدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن بارىلىققا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئازاد بولۇشىنى قانداق تەسۋىرلىسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى: جۇڭگونىڭ كونا قېلىپتىكى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكى، يېڭىچە دېموكراتىزملىق ئىنقىلاب تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى مۇشۇنداق تارىخى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي مۇشۇنداق تارىخى بۇرۇچنى زېممىسىگە ئېلىپ، يېقىنقى زامان تارىخى سەھنىسىگە قاراپ يول ئالدى. www.iz.la
يولداش سۈن جۇڭشەننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىدىيەسىنى شىمال مىلىتارىستلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماستىن، گومىنداڭ پارتىيەسى ھۆكۈمىتىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىدى. 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن، جۇڭگو يېرىم مۇستەملىك، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، يولداش سۈن جۇڭشەننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىدىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان شارائىت يارىتىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى سۈن جۇڭشەن ۋە شىنخەي ئىنقىلابى پېشىۋالىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ سادىق ۋارىسى.
1911-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋۇچاڭدا ئەڭ ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ باشلانغان شىنخەي ئىنقىلابىغا بۇ يىل 100يىل بولدى. شىنخەي ئىنقىلابى تارىخنىڭ ئىجادى! ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو تارىخى مۇساپىسىدە تەمىنلىمىگەن يېڭى تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات توغان قاپقىسىنى ئاچتى. مۇنداق چوڭ تارىخى ئىشلارنى مەڭگۈ خاتىرىلىشىمىزگە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى www.iz.la