شىنخەي ئىنقىلابى پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن،پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالايلۇق: شىنخەي ئىنقىلابى قوزغىغان «پۇت بوغماسلىق ھەرىكىتى»دە ئاياللارنىڭ پۇتىنى بوغۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل مىڭ يىللىق فېئودال خۇراپىي ئادەت ئۈزۈل كېسىل چۆرۈپ تاشلاندى.
ئىز تورى www.iz.la
جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇتنى بوغۇش ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان دەپ قارالماقتا. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كىشىلەر پۇت بوغۇشنىڭ چىرىك مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماستىن غەربنىڭ مەسخىرە قىلىش دەستىكى بولۇپ قالغانلىقىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىسلاھاتقا ئىنتىلگۈچى ئىرادىلىك كىشىلەر قەلەم ۋە ئېغىزى بىلەن لەنەت ئوقۇدى،ئاخىرىدا خوتۇن قىزلارنىڭ بوغۇلغان پۇتىنى يېشەيلى دېگەن سادالار ئەۋج ئالدى.
1912-يىلى نەنجىڭدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشتىن باشلاپ ۋاقىتلىق بۈيۈك پىرېزىدېنت سۈن جۇڭشەن پۇت بوغۇشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چىقاردى. بۇ پۇت بوغۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئەينى ۋاقىتتا جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ناھايىتى كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، «پۇتى بوغۇلغان قىزلار بىلەن توي قىلمايلى» دېگەنگە ئوخشايدىغان شۇئارلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل شوئار ئەينى چاغدا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئالايلۇق: پۇتى بوغۇلغان قىزلاردىن كىچىك پۇت ئىئانىسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، خۇددى ھازىرقى باج ئېلىشقا ئوخشايتتى. گەرچە بىزگە بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن بىر خىل تاكتىكا بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1927-يىلى ۋۇخەندە 100مىڭ ئايال نامايىش قىلىپ پۇت بوغۇشنى مەنئى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى ۋاقىتتا پۇت بوغۇش ئىنتايىن ئەۋجىگە چىققان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ۋۇخەن ئاياللىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ؟ چۈنكى شىنخەي ئىنقىلابى ۋۇخەندە باشلاندى. ئەمەلىيەتتە شىنخەي ئىنقىلابى ئاياللارنى پۇت بوغۇش ئاسارىتىدىن ئازاد قىلىپلا قالماستىن،يەنە ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىدىكى چەكلىمىلىكنى ئېچىپ تاشلىدى. بىر مەيدان كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان ئاياللارنى ئازاد قىلىش ئىنقىلابى بۇنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
پۇت بوغماسلىق كونكرېت ھەرىكەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھەر بىر كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابى مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان بۇ ئادەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. مۇشۇنداق بىر قېتىملىق ھەرىكەت ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى زىيالىيلارنىڭ بۇ خىل مۇراجىتى بىلەن جۇڭگولۇقلار پۇت بوغماسلىقتىن باشلاپ مىنگو ئىنقىلابىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى.
ئىز تورى بەك ياخشى