ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئەلى ئوبۇلقاسىم لاساغا يۈگۈرۈپ بارماقچى بولدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ماھىرە ئەركىن، پەرىدىگۈل ۋەلى، رەھىمە ئادىل خەۋەر قىلىدۇ: بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، يىراق مۇساپىلەرنى يۈگۈرۈپ ياكى پىيادە بېسىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاۋاتقان ئەلى ئۇبۇلقاسىم شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىگە يۈگۈرۈپ بېرىشنى پىلانلاپ، 29 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى.

    ئۇقۇشىمىزچە، 26 ياشقا كىرگەن دېھقان يىگىت ئەلى ئوبۇلقاسىم غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدىن بولۇپ، 2003 – يىلى 2 – ئايدا غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ئالتە كۈندە يۈگۈرۈپ كېلىپ، تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلغان؛ 2004 – يىلى بېيجىڭ ئو ت م نى كۈتۈۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، 67 كۈندە پىيادە بېيجىڭ شەھىرىگە بارغان؛ بۇ يىل 4 – ئايدا ‹‹ھالاكەت دېڭىزى›› دەپ نام ئالغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە قاغىلىق ناھىيەسىنى باش بېكەت قىلىپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىن لاسا شەھىرىگىچە بولغان 1500 كىلومېتىر مۇساپىنى 23 كۈندە بېسىپ بولۇشنى پىلانلىغان.

    ئەلى ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولغان شىنجاڭ ‹‹فارابى›› تېببىي دورا ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ھەم غۇلام ھاجى قاتارلىق ساخاۋەت ئىگىلىرى ئۇنىڭغا 24 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!