ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ،ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2011-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    دۇڭ لياڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: تۆت كۈن داۋاملاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 2011 – يىللىق ‹‹جۇڭگو كۆچمە ئالاقىلىشىش لوڭقىسى›› ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 28 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاياغلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

    مۇسابىقىگە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن 30 ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوماندىسى قاتناشتى. تۆت كۈن جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق غۇلجا شەھەرلىك 14 – باشلانغۇچ مەكتەپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتەئارال يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، تۇرپان شەھەرلىك 7 – باشلانغۇچ مەكتەپ باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە، قەشقەر شەھەرلىك 7 – باشلانغۇچ مەكتەپ، جىڭ ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بويىچە، غۇلجا شەھەرلىك 14 – ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بويىچە، مارالبېشى ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ، جىڭ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1 – ، 2 – ۋە 3 – بولدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!