جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسىنىڭ
30-سېنتەبىر سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان 2011-يىللىق ئاسىيا ئەرلەر ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ئەرلەر ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولدى . بۇ جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۇنيا لوڭقىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى .