ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

جيا چىڭلىن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭلار يىغىنغا قاتناشتى

جيا چىڭلىن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى     جيا چىڭلىن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭلار يىغىنغا قاتناشتى      شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 29–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى ، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ–ئاۋمېن ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسى بىرلىكتە 29–سېنتەبىر كەچ خەلق سارىيى زىياپەت زالىدا دۆلەت بايرىمىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن كونا–يېڭى دوستلار بىلەن جەم بولۇپ ، بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلىدى .    جيا چىڭلىن كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى . ئۇ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى يوللىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ، جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ 28 يىل قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ، جاھانگىرلىك ، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ جۇڭگودىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 62 يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو خەلقى ج ك پ نىڭ رەھبەرلىكىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ ، دۆلەت قۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، بۈيۈك جۇڭخۇا زېمىنىدا قەدىمكىنى بېسىپ چۈشۈپ ، بۈگۈنكىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى ياراتتى . 62 يىللىق شانلىق مۇساپىنى ئەسلىگىنىمىزدە ، بىز كەڭ شياڭگاڭ–ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ باشتىن ئاخىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ ، ھالاۋەت ۋە مۇشەققەتنى تەڭ كۆرۈپ ، ۋەتەننىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدا، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ ، ۋەتەننىڭ تىنچلىقى ۋە بىرلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا تۈرتكە بولۇپ ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز .    جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ›› كۈندىن كۈنگە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى . مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ باش مەمۇرلىرى ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا بېسىپ ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى .    جيا چىڭلىن يەنە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ تۆھپىلىرىگىمۇ ئالاھىدە باھا بەردى .    كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى . ۋاڭ گاڭ ، ۋاڭ جاۋگو ، ۋاڭ چىشەن ، ليۇ چى ، ليۇ يۈنشەن ، ليۇ يەندۇڭ ، لى يۈەنچاۋ ، خەن چىدې ، جۇ تيېنۇڭ ، لى جيەنگو ، چېن چاڭجى ، يەن جۈەنچى ، ساڭ گوۋېي ، لياڭ گۇاڭليې ، لياۋ خۇي ، دۇ چىڭلىن ، ئابلەت ئابدۇرېشىت ، خۇاڭ مېڭفۇ ، جاڭ مېييىڭ ، چيەن يۈنلىڭ ، لىن ۋېنيى ، لى ۋۇۋېي ، لو فۇخې، چېن زوڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ، بېيجىڭغا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىن بولۇپ جەمئىي 3500 دەك ئادەم يىغىنغا قاتناشتى .  

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!