ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى كائىن بىلەن يۈزلىشىدىكەن

2011-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 29-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش لېدىرى كائىننى ئەرز قىلغان فىرانسىيەلىك ئايال يېقىندا كائىن بىلەن يۈزلىشىدىكەن .

法国女作家5日拟正式控告IMF前总裁卡恩性侵犯

فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى ترىستىن بانون

    خەۋەر قىلىنىشىچە ، فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى ترىستىن بانون كائىن بىلەن يۈزلىشىشنى تەلەپ قىلىپ ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ روخسىتىگە ئېرشىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئۇلار فىرانسىيەدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىدا كۆرۈشىدىكەن .

    بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ترىستىن بانون فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ، 2002-يىلى كائىننى زىيارەت قىلغاندا ، كائىن بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ، بولمىسا زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، بانوننىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ، بۇنىڭ بىلەن بانۇن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىققان . خەۋەر قىلىنىشىچە، كائىن ئۆزىنىڭ بانوننى سۆيۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ، بىراق زورلۇق ئىشلەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان .

    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىسى : فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى كائىننى ئەرز قىلدى

كائىن : پۇتىن بۇ دېلونىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى

فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى كائىننى ئەرز قىلماقچى

كائىن دېلوسىدىكى ‹‹ ئايال باش قەھرىمان ›› ئىشتىن سىرتقى پاھىشە ئىكەن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!