مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتلانماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خالىدە ئىنايەت خەۋىرى ، فوتوسى: 27-سېنتەبىر، قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ ، بىر تۈركۈم قوش مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلىدى .
يىغىندا مەكتەپنىڭ ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىلىك خىزمەتلىرى خۇلاسە قىلىنىپ ، كېيىنكى مەۋسۇملىك خىزمەت نىشانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان 10 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 10 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتى ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 10 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 10 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرگەندىن باشقا ، 23 نەپەر مۇنەۋۋەر ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، 33 نەپەر مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى ، 13 نەپەر مۇنەۋۋەر ئۇيۇشما كادىرى ، تۆت مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللېكتىپى ۋە 11 مەدەنىيەتلىك ياتاقنى 18مىڭ 600 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى ۋە تەقدىرلىدى.