ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى: شىنجاڭ كوئېنلون مېھمانخانىسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى زال 28 – سېنتەبىر كەچتە قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، خۇ ۋېي قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن جەم بولۇپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
‹‹ناغرا ساداسى›› دېگەن مۇزىكا بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى باشلاندى. سەھنە ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، ئارتىسلارنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ يۇقىرى ئىدى. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس شامىل شاكىر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ: ‹‹جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇ بىزنىڭ سىرداش دوستىمىز، بۇ شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ بەختى››، دېدى. داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى گاۋ جيەنشىن بىلەن ھەمراھى رېن جىچياڭ ئورۇندىغان ‹‹خۇشاللىق ساداسى›› دېگەن نومۇرغا ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ خەلق ناخشىسى ‹‹ئىككى ئوغلاق›› سورۇندىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرىغا دولقۇنغا كۆتۈدى. باھارگۈل، دەلىلقان، رامىلە قاتارلىق ناخشىچىلارمۇ ناخشا ئېيتتى.
شامىل شاكىرنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى ‹‹يايلاق كېچىسى›› دېگەن ناخشىنى بىللە ئېيتتى. ئاخىرىدا داڭلىق ئۇسسۇلچى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس دىلنار ئابدۇللا بىلەن يېتىلىۋاتقان ئۇسسۇلچى ئۈمىد سەھنىدىن چۈشۈپ جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى، خۇۋېي قاتارلىقلارنى ئۇسسۇلغا تارتىپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى.بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.
پائالىيەتتىن نادىر كۆرۈنۈش :