ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. كۈز پەسلىدە ئاشقازان، جىگەر، ئۆپكىنى ئاسراشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، سۇيۇق – سەلەڭ، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ناۋادا، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئۆگىنىپ قالغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سوغۇق يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېيىش. ئەڭ ياخشىسى، ھۆللۈكنى تەڭشەپ، ئىسسىقنى ياندۇرالايدىغان يېمەكلىكلەرنى، يەنى ئۆردەك گۆشى، تاپان بېلىق، ئاچچىق كاۋا، ئاغچىيۇغۇچ، تەرخەمەك ئىستېمال قىلىش كېرەك؛
چۈچۈمەل مېۋىلەرنى يېيىش. دۇلانە، چوڭ ئاپېلسىن، ئانار، ئالما قاتارلىق مېۋىلەرمۇ كۈز پەسلىدە كۆپ يېيىشكە بولىدىغان مېۋىلەردۇر.
شوۋىگۈرۈچ(شىفەن). ئۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە باش كۈزدىن باشلاپ ھەركۈنى ئەتىگەن شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ئاشقازانغا پايدىلىق، دەپ قارىلىدۇ.
ياپىلاق پۇرچاق ۋە كۆك كاۋا قايناتمىسى. بۇنى تەييارلاشتا كۆك كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ئۇششاق چانىۋەتكەندىن كېيىن، ياپىلاق پۇرچاققا قوشۇپ كۈچلۈكرەك ئوتتا قاينىتىمىز، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئوتنى سۇسلىتىمىز پىشۇرىمىز. بۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ يەلنى ھەيدەش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار. copyright by www.iz.la
سانىيە خەرسەن تەييارلىغان