ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولغان بولسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى،ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ،خۇشخۇيلۇق ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تۈنۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكنى تولۇق ئۇنتۇپ،ئەقلىي تەجىرىبە-ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساس قىلىدۇ؛ئەتىكى ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىگە يول قويماي،بەخىتلىك ئارزۇ-ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھوزۇر ئالدۇرىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
خۇشخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ،ئۆزىڭىشنىڭ ھەر خىل ئىش ھەرىكىتى،ئوماق گەپ سۆز،قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ.خۇشخۇي ئاياللار ھەر بىر كۈنىنى جىمىرلاپ تۇرغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلەيدۇ،ھەر بىر كۈنىنى خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛ copyright by www.iz.la
خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق،بەدىنىڭىزنى،ئائىلىڭىزنى،كەسپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ،مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەم قاتلام،ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول،رەڭدار ئاياللىق خانىدانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ،سىز ئۇلارنى باشقۇرسىز،يېتەكلەيسىز،ئۇلارغا بىر نىيەت،بىر مەقسەتتە گۈزەل،نەپىس،مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونيىسى ياڭراتقۇزالايسىز.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ياسىنىڭ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشتا ماھىر بولۇڭ؛ئېرىڭىزنى،بالىلىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ.ئەمما،سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك،ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دونيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالمايدۇ؛ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاپ ئوقۇڭ.ئەمما، مەستانە بولۇپ قالماڭ؛ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا،ئاندىن توختاۋسىز جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىققا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددىي-ساددا،ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ.ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىز ئارىسىغا يوشۇرۇنغان؛ئۇ رەخت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولغان تارتىمىڭىزغا يوشۇرۇنغان؛سىز تېخخ ئوقۇپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان؛سىز يېزىۋاتقان ماقالىڭىزنىڭ قۇر ئارىلىقلىرىغا؛خۇشاللىق-ئىللىق چىراغ تۇرىدا،ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا،كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ماگىزىنلاردا،ئىللىق ئائىلىڭىزدە،دەريا بويىدا،ئوت-چۆپلەر ئارسىدا تىمتاسلىق،مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خۇشاللىق ھەمممىمىزنىڭ يېنىدا.خۇشاللىقنى قولدىن بەرمەي،ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنسىز.خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشڭ.خۇشخUيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق،مۇكەممەل ئۆزلۈك،مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛خانىم-قىزلار گۈزەللىك دەستۇرى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن