ھەممىگە مەلۇم،سىز تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت-ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئېغىر باسقۇچ يەنى سىزنىڭ كەلگۈسى ھاياتىڭىز ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان پىلسىران كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ۋەتەننىڭ،مىللەتنىڭ ،ئاتا-ئانىلىرىڭىزنىو بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلىرى،ئۈمىدلىرىنى ئېلىپ ئاشۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا كەلدىڭىز.سىز ئۆز ۋاقتىدا گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ئىلكىدە ئۇزۇن-ئۇزۇن كۈنلەرنى،ئۇيقۇسىز تۈنلەرنى تەكرار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈدىڭىز،ئاتا-ئانا،قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ،بىر مۇنچە پۇل جۇغلاپ ئوقۇش پۇلى بەردى.سىزنى كەڭرى كەتكەن مەكتەپ قوينى-يورۇق،ئازادە دەرىسخانىلار،تەجرىبىخانىلار،كۈتۈبخانىلار،پروفېسور-ئالىملار،كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلار،كۈتۈۋالدى.ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ساۋاقداشلار كەڭ قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالدى.ئۇلار كىملەر؟ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئىچىدىن-تاللىنىپ چىققان،رىقابەتتە يېڭىپ،ئاتا-ئانا،قېرىنداشلىرىغا خۇشاللىق كەلتۈرگەن سىتۇدېنتلار.
قىزچاق،بەلكىم سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىدىغان چا غ دا ئۇلار كۆزلىرىگە ئىسىسىق ياش ئېلىپ(ياخشى ئوقى بالام)دەپ ئۇزۇتۇپ قويغاندۇ،سىزنىڭىمۇ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ،ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىغۇڭىز كەلمەي يىغلاپ تاشلىغانسىز؟بۇ ياشلار نېمىنىڭ بەلگىسى؟بۇ ياشلار بىر قىزنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا بولغان ئەقىدىسىنىڭ تامچىلىرى.
ئىز تورى www.iz.la