چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى يېتەرلىك ھەمدە مۇۋاپىق بولسا ، كىشىدە خۇشاللىنىش كەيپىياتى كۆرۈلىدۇ ، ناۋادا سېروتونىن مىقدارى تۆۋەن بولسا ، غەمكىن بولۇش ، كۆڭلى يېرىم بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئاقسىل ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىننى ساقلاپ ھەمدە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنى تېخىمۇ خۇشال ھېس قىلىدۇ . ئاياللاردىكى سېروتونىن ماددىسى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللار ئورۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ تاماقنى كۆپ يېمىگەچكە ، چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى تۆۋەنلەپ ، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن