قارا بوران «ئايرىن» ئامېرىكا سۇغۇرتا ك...

ۋاقتى:2011-09-01 16:02مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     قارا بوران «ئايرىن» 29-ئاۋغۇست سائەت 9دا نيۇيوركقا يېتىپ كەلگەندە كۈچى ئاجىزلاپ ئىسسىق بەلباغ بورىنىغا ئۆزگىرىپ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئاجىزلىدى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى بۇ قارا بوران پەيدا قىلغان زىيانغا قانچىلىك تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بەزى شىركەتلەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازراق تۆلەم تۆلىشىمىز مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەشتى. تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنى مۆلچەرلەش شىركىتى Analysis kineticنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «ئايرىن» ئامېرىكا سۇغۇرتا كەسپىنى تەخمىنەن 2 مىليارد 600 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدىكەن. Eqecat شىركىتىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، سۇغۇرتا شىركەتلىرى شىمالىي كارولىنا ۋە جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتلىرىدا 200 مىليون ئامېرىكا دوللاردىن 400 مىليون ئامېرىكا دوللارغىچە تۆلەم تۆلەيدىكەن، بۇ، 1999-يىلىدىكى قارا بوران «فرېئۇد» پەيدا قىلغان 1 مىليارد 400مىڭ ئامېرىكا دوللاردىن خېلىلا ئاز بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ۋە تۇرالغۇ سۇغۇرتا شىركىتى مۇنداق دېدى: 27-ئاۋغۇستقىچە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى، ۋىرگىنىيە ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، يېڭى جېرسېي ئىشتاتى، نيۇيورك ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردا 3000 يۈرۈش ئۆي ۋە 670 ئاپتوموبىل ئۈچۈن سۇغۇرتا تۆلىمى تۆلىنىدۇ، دەپ ئەنگە ئېلىندى. قارا بوران «ئايرىن» ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا قارا يامغۇر ۋە بوران پەيدا قىلغاچقا، دەريا - ئېقىنلاردا سۇ ئۇلغىيىپ، قىيان پەيدا بولدى، 12 ئىشتاتتا توك ئۈزۈلۈپ قالدى، دېڭىز بويىدىكى ئۆي، ئاپتوموبىل قاتارلىق مۈلۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، تالاپەتمۇ كۆرۈلدى. قارا بوران «ئايرىن» نيۇيوركقا كەلگەندە سەل-پەل ئاجىزلاپ، سائەتلىك سۈرئىتى 104 كىلومېتىرلىق ئىسسىق بەلباغ بورىنىغا ئايلىنىپ، شىمالدىكى يېڭى ئېنگلاند رايونىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. سۇغۇرتا ساھەسىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۆي، ئاپتوموبىل قاتارلىق مال-مۈلۈكلەر ئۈچۈن تۆلەم تۆلىگەندىن باشقا، يەنە مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ياتاق ھەققى قاتارلىق تۇرمۇش راسخوتلىرىنىمۇ تۆلەيدىكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، قارا بوران «ئايرىن» يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 2 مىليون ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئويمانلىقلاردىن چېكىندۈرۈلۈپ، ئاساسەن نيۇيورك ۋە يېڭى جېرسېي ئىشتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ جايلاردا ياتاق ھەققى بىر قەدەر ئۆرە، بۇمۇ سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، نيۇيوركتىكى چوڭ ئايروپورتلاردا 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيانمۇ سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 2011-يىلى ئامېرىكا سۇغۇرتا كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا «پالاكەت باسقان يىل» بولدى. ياپونىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، ئاۋسترالىيەدە ئىسسىق بەلباغ بورىنى چىقتى، ئامېرىكىدا قۇيۇن ئاپىتى يۈز بەردى، بۇ ئاپەتلەر زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلدى. ئەمدىلىكتە قارا بوران «ئايرىن»مۇ زور زىيان پەيدا قىلدى، سۇغۇرتا كەسپى خىرىسقا دۇچ كەلدى.  Analysis kinetic نىڭ مۆلچەرلىشىچە، قارا بوران «ئايرىن» ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 7 مىليارد ئامېرىكا دوللار زىيان سالىدىكەن. 
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

          
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...