1-سېنتەبىر

ۋاقتى:2011-09-01 11:34مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيە توردا ناتسېستلارنىڭ ئارخىپىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان. بۇنىڭ ئىچىدە گېتلىرىنىڭ باش ئالاقىچىسنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى بار. بۇ ئارخىپلارنى سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بېرلىننى ئىشغال قىلغاندا قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ماتېرىيال بىر مىليون بەت كېلىدۇ. 1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ قالدۇقلىرى بايقالغان. تىتانىك ناملىق پاراخوتقا زادى نېمە بولغان؟ تۆۋەندىكى «تىتانىك» ناملىق كىنونىڭ ۋەقەلىكىنى كۆرسىڭىز بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپالايسىز. 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى «تىتانىك»فىلىمى 11 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىمغا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. «تىتانىك» فىلىمى 1998-يىلى ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى قاتارلىق 11 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1998-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىدە، ئوسكار مۇكاپاتى لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن كامېرون ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىگە ياردەم قىلغان ھەربىر كىشىگە چەكسىز رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭراتقان. كامېرون سۆزىنىڭ ئاخىرىدا«مەن دۇنيانىڭ پادىشاھى» دەپ كۈچلۈك ۋاقىرىغان. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆ’ەندىكىچە: 1912-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن تىتانىك ناملىق پاراخوتتىكى «ئوكيان يۈرىكى» ناملىق بىباھا گۆھەرنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئېكىسپىدىتسىيەچى بۇلوك چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىن داتلىشىپ كەتكەن بىخەتەرلىك ساندۇقىنى تاپىدۇ. كۈتۈلمىگەندە، ساندۇقنىڭ ئىچىدىن بېرليانت زەنجىر تاقىغان قىزنىڭ سىزما رەسىمى تېپىلىدۇ. بۇ خەۋەرنى تېلۋىزۇردىن كۆرگەن 100 ياشلىق موماي ھاياجانلانغىنىدىن، بۇلوكنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، بۇ ئاپئاق چاچلىق موماي دەل رەسىمدىكى روۋز دوۋسن. يەنى فىلىمدىكى ئايال باش پېرسۇناژ. روۋز شۇنىڭ بىلەن 1912-يىلىدىكى تىتانىك پاراخوتىدىكى بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەشكە باشلايدۇ. فىلىم چېكىنمە بايان ئۇسۇلىدا يېزىلغان بولۇپ، 100 ياشلىق روۋزنىڭ 1912-يىلىدىكى ھېكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ. فىلىمدىكى ئەر پېرسۇناژ دېك دوۋسن ئەسلى تىتانىك ناملىق پاراخوتقا چىقىش نىيىتى يوق ئىدى. پەقەت بىر قېتىملىق قىماردا تىتانىك پاراخوتىنىڭ بېلىتىنى ئۇتۇۋالغان. ئۇ پاراخوتنىڭ 3-بۆلۈمىدە تۇراتتى، روۋز بولسا ئەڭ ئالىي قەۋىتىدە ئىدى. روۋزنىڭ ئائىلىسى ئاق سۆڭەڭ بولۇپ، ئاپىسى بىلەن ئىككىسىلا ئىدى، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە، مال مۈلكى تۈگەپ قالغان. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاق سۆڭەك دېگەن نامىلا قالغانىدى. روۋزنىڭ بوغۇز يولدىشىمۇ ئىنتايىن باي ئىدى. لېكىن زوۋز ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئاپىسىنىڭ زورلىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقىنىغا قاراپ ئامالسىز بوغۇز يولدىشى بىلەن تويلاشماقچى بولغان. ئۇ بىر كۈنى كۆڭلى يېرىم ھالدا پاراخوتنىڭ ئەڭ ئۇچىدا ئولتۇرۇپ،بىپايان دېڭىزغا نەزەر سالماقتا ئىدى. بۇنى جېك تۇيۇقسىز كۆرۈپ قېلىپ، روۋزنى ئۆلۈۋالماقچى ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا بارغان. روۋز ئېھتىيادسىزلىقتىن پاراخوتتىن چۈشۈپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، جېك ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشىشى ئىدى. جېكنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، روۋزنىڭ رەسىملىرىنى سىزىدۇ، پاراخوتتا يوشۇرۇنچە كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇنى سېزىپ قالغان روۋزنىڭ بوغۇز يولدىشى جېكقا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنى سولاپ قويىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تىتانىك شىمالىي مۇز ئوكياندىكى مۇز تاغقا ئۇرۇلۇپ، پاراخوتقا سۇ كىرىشكە باشلايدۇ. پاراخوتتىكى ھەممە كىشى ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. روۋز جېكنى ئىزدەپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. پاراخوتنىڭ چۆكۈشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، بەزى ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەر پاراخوتتا تىنچلا ئۆلۈش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ، بەزىلەر تاكى سۇغا غەرق بولغۇچە مۇزىكا چېلىپ، تەبىئەتنىڭ كۈچىگە باش ئېگىدۇ. ئەلۋەتتە كۆپ قىسىم كىشى ھايات قېلىش ئۈچۈن تىركىشىدۇ. روۋزنىڭ بوغۇز يولدىشى بۇ ۋاقىتتا روۋزنى ئويلاپمۇ قويماي شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزىدىغان قولۋاققا چىقىپ، قۇتۇلۇپ قالىدۇ. پاراخوت چۆكۈك كېتىپ ھەممەيلەن نۆلدىن تۆۋەن تېمپىراتورىلىق دېڭىز سۈيىدە قالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەلگۈچە دېڭىز سۈيىدە توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. جېك سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قالغان پاراخوتنىڭ ئىشىكىگە روۋزنى چىقىرىپ، ئۆزى سۇدا تۇرۇپ، توڭلاپ قالىدۇ. بۇ جەرياندىكى كۆرۈنۈشلەر تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، جېكنىڭ روۋزغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببىتىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايسىز. 1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كورىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، بۇ ۋەقەنىڭ سىرى ھازىرغىچە ئېچىلمىغان. 1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئېراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن، 25 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2400 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى 16 تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتناشقان، جۇڭگو 33 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. ياپونىيە 74 ئالتۇن مېدال بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغان.
 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...