بالىنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئەجەپلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق

ۋاقتى:2011-08-17 11:05مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
    بالىسىنى ياخشى كۆرۈشنى بىلىپ،بالىسىنىڭ تالانتىنى بايقىيالمايدىغان ئاتا-ئانىلار چاكىنا كىشىلەردۇر.بالىنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى بېسىش جىنايەتتۇر.بالىنىڭ كەپسىزلىكىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ توغرا يېتەكلەش،بالىنى ئويلاشقا،سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش بالىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
   تېلېۋىزور ئىستانسىنىڭ بىر رىياسەتچىسى بالىلاردىن ‹‹ئاق قۇلار نېمىشقا قاتار بولۇپ ئۇچىدۇ›› دەپ سورىغاندا بالىلار ‹‹ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
   بىز بالىلارنىڭ بۇ غەيرىي تەسەۋۋۇرى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى تەپەككۇرى شەكلىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىمىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  لېكىن رىياسەتچى ‹‹خاتا،يۈز نومۇر كولانسۇن›› دېدى.
  بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزەپلەندۇق،ھەسرەتلەندۇق.رىياسەتچى دۆت شۇنداقلا رەھىمسىز ئىدى.ئۇنىڭ قاتمال تەپەككۇرى تەسەۋۋۇرنىڭ بىر بىخىنى نابۇت قىلىپ تاشلىدى.ئىجابىي خاراكتېرلىك جاۋاب دائىم چوڭلارغا غەلىتە تۇيۇلىدۇ.بۇنداق ئىشلار بەكمۇ كۆپ.
   بىر پېسقەدەم مائارىپچى بىزگە بىر ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ بەردى.
   بىر ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرگەندە بىر مەشىق دەپتىرىدە ‹‹قار ئېرىسە نېمە بولىدۇ؟›› دەيدىغان بىز مۇرەككەپ سوئالنى كۆرىدۇ.
   قارىماققا ناھايتتى ئەقىللىق كۆرۈنىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ‹‹قار ئېرىسە باھار كېلىدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   مۇشۇنداق ئاددىي سوئالغا جاۋاب بېرلمىدى،دەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدۇ ۋە دوسكىغا ‹‹قار ئېرىسە سۇ بولىدۇ›› دەپ يېزىپ قويىدۇ.
   -بۇ بىر ئاددىي بىلىم،ئېسىڭلاردا بولسۇن،ھەرگىز مۇنداق كۈلكىلىك جاۋاب بەرمەڭلار،-دەيدۇ كەسكىنلىك بىلەن.
   بىز دائىم قىستىن كېيىن باھار كېلىدۇ.قار چېچىكى باھارغا ھامىلىداردۇر دەيمىز.بالىنىڭ جاۋابى سەل غەيرىي بولسىمۇ تەسەۋۋۇرغا باي ئىدى،ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى.ئۇ يەنە بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى:
   بىر تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرھال بولسىمۇ كىتابنى بەك كۆپ كۆرگەچكە بىلىدىغان نەرسىسى بەك كۆپ ئىكەن.لېكىن ئۇ مۇئەللىمنىڭ نەزىرىدە بىر كەپسىز بالا ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
   بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرىسىدە ئوقۇتقۇچى ‹‹كاككۇك گۈلى قەھرىماننىڭ قېنى بىلەن گۈلىنى قىپقىزىل بوليالدى›› دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا ھېلىقى بالا پىكىر بايان قىلىشنى سورايدۇ.
  -مۇئەللىم،بۇنداق دېيىش خاتا،-دەيدۇ ئۇ،-قۇربانلارنىڭ قېنى كاككۇك گۈلىنى قىزىل بويىيالمايدۇ.چۈنكى گۈل دېگەن ئاشۇنداق ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ…
  بالا بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقاندا مۇئەللىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ بالىنى سىنىپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.ھەتتا كەچتە بالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بالىنىڭ كاللىسىدا مەسىلە بارلىقىدىن قاقشايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى بۇنداق قىلغۇچە بالىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرسە بولاتتى.بۇ بىر ئوخشىتىش ئىدى خالاس.بۇنداق ئوقۇغۇچى سىنىپتىن قوغلىنىش ئەمەس تەقدىرلەنسە ياخشى بولاتتى.

ئىز تورى www.iz.la


   ئامېرىكىنىڭ بىر مەكتىپىدە مۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەن.بىر بالا توخۇ پاچىقى ساتىدىغان بىر شىركەتكە ‹‹سىلەر پىشۇرغان پاچاقنى مەڭگۈ ھەقسىز يېگەن بولسام›› دەپ خەت يازىدۇ.شىركەت بالىنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە قوشۇلىدۇ.
   ئەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا ھەر خىل شىركەتلەرگە بىمەنە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ خەت يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.بۇ ئوقۇغۇچى دەل شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە بۇ خەتنى يازغانىكەن.
   مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى ئۇسۇل.ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ تەسەۋۋۇرنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.يۇقىرىقى ھېكايىلەردىن قارىغاندا بالىلارنىڭ خۇلاسىسى ئادەمگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ.لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بالىنىڭ تەپەككۇرى قەدىرلەشكە ئەرزىيىدۇ.ئۇلار بىزنىڭ نەچچە يىللىق تەپەككۇر ئادىتىمىزنى بۇزۇپ تاشىغان. copyright by www.iz.la
   بالىلىق بىر ئالاھىدە دەۋر.بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ بايقاش خاراكتېرلىك تەپەككۇرى ناھايتتى جانلىنىدۇ.كۆپ سوئال سورايدۇ.ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى خام خىيال بىلەن تولغان،لوگىكىدىن ھالقىغان بولىدۇ.چوڭلارغا بىمەنىدەك كۆرۈنىدۇ.ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،دەل مانا مۇشۇنداق بالىلارنىڭ ئىجادىيەت يوشۇرۇن كۈچى زور،تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.تارىختىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بايقاشلىرى ۋە كەشپىياتلىرى دەل مانا مۇشۇنداق بىمەنە خىيال ۋە غەلىتە ئويلاردىن كەلگەن.ناۋادا كىچىك ۋات ھور نېمە ئۈچۈن چەينەكنىڭ تۇۋىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئويلىمىغان بولسا ھور ماشىنىسى دەۋرى يېتىپ كەلمەيتتى.ناۋادا ئاكا-ئۇكا رايىتلار ئادەممۇ قانائەتلىنىپ قۇشلاردەك كۆكتە پەرۋاز قىلغان بولسا دەپ ئويلىمىغان بولسا ئايروپىلان كەشىپ قىلىنمىغان بولاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بالا تەربىيىلەشتە بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت.ئۇلار بالا كۈن بويى كىتاب ئوقۇسا،خەت يازسا،يۇقىرى نومۇر ئالسا ئىستىقبالى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.بالىنىڭ بەزى غەيرىي قىلىق ۋە خىياللىرىنى ئەيىبلەيدۇ.
   بالىنى زاڭىلىق قىلىدۇ.بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.ۋەقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالا مەسلىگە دۇچ كەلگەندە سول سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپلا قالماستىن ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
   ھەقىقەت ئىسپاتلىدىكى،قائىدا-يوسۇنغا چۈشۈپ قالغان بالىنىڭ بىلىمگە بولغان چۈشىنىشى تولىمۇ قاتمال،مېخانىك،يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يولسزىلىقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،مۇۋاپىق يېەكلەپ،بالىنى ئويلىيالايدىغان ھەم ئويلىغىنىنى قورۇقماي دېيەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.بۇ بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


   كونىلاردا ‹‹چوڭ كۆرگەننى سورايدۇ،كىچىك كۆرگەننى دورايدۇ›› دەيدىغان گەپ بار.لېكىن كىچىك بالىلارنىڭ قىزىقىش ئىستىكى چوڭلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.5~6 ئايلىق بالىلار ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامان بۇرۇلۇپ قارايدۇ.رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆرگەن ھامان قولىنى سۇنۇپ تۇتقۇسى كېلىدۇ.3~4 ياشقا كىرگەندە قىزىقىش ئىستىكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.سىرتلاردا داقا-دۇمباق ئاۋازى ئاڭلانسا چىقىپ قارايدۇ. 
   مۇنداق بىر ھېكايە بار.بىر ئوغۇل بالا تۆت ياش ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بېرىپتۇ.دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇنلىغان ھەسەل ھەرىلىرى ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ شىرنە يىغىۋاتقۇدەك.بۇ چاغدا ئوغۇل بالا ھەسەل ھەرىلىرى ھەسەلنى زادى قانداق ياسايدىغاندۇ دېگەن قىزىقىش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە قولىغا بىر تال بامبۇك تاياقچىنى ئېلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ،ياغاچنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىشىغىلا ھەرىلەر ئۇنى دۈشمەن دەپ قاراپ ئۇچقان پېتى كېلىپ ئۇنى چېقىۋاپتۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   بۇنداق مىساللار ناھايتتى كۆپ،يەنى كىچىك بالىلارنىڭ يىڭى ئويۇنچۇقىنى بۇزۇۋېتىشى يىڭى سائەتنى چۇۋۇۋېتىشى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ.بالىلار يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن سوئاللىرى بار.ئۇلارنىڭ تىلىدا ‹‹نېمە ئۈچۈن›› خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.بالىلار دائىم ‹‹بۇ نېمە››، ‹‹ئۇنېمە››، ‹‹بۇ نەدىن كەلگەن›› دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ.ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ئىچىدە بىلمەيدىغانلىرى بولسىلا چوقۇم سورايدۇ.بىلىدىغانلىرىنىمۇ گاھىدا سوراپ قالىدۇ.مانا بۇ بالىنىڭ قىزىقىش ئىستىكىدۇر.بالىلارنىڭ قىزىقىش ئىستىكىنىڭ نېمە رولى بار؟پلاتون ‹‹قىزىققۇچىلار ئىلىم دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا›› دېگەنىدى.  
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار.ئەگەر بالىدا قىزىقىش ئىستىكى بولمىسا نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشمەيدۇ.نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشمىگەنلىكتىن نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھالىتىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر بالا قار ئۇچقۇبنلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىزىقمىسا،ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشمىسە،ئۇ چاغدا ئۇ قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۇن ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر بالا سىرتتىكى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىقىپ كۆرۈپ باقمىسا،ئۇ چاغدا ئۇ ماشىنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا قىزىقىش ئىستىكى بالىنىڭ بىلىمگە ئېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم يولىدۇر.
   بالىنىڭ يولسىزلىقىمۇ بالىدا بەلگىلىك كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ،ئەلىۋەتتە. copyright by www.iz.la
   قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟تۆۋەندە بىز دائىم ئۇچرايدىغان ئۇسۇلنى بىر نەچچە تونۇشتۇرىمىز.
     *سېلىشتۇرۇپ كۆزىتىش ئۇسۇلى
   پەقەت سېلىشتۇرغاندىلا ئاندىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.پەقەت سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا بالىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.مەسىلەن،بالىلارغا باشقا بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆزەتكۈزۈش ھەم ئۆزىنىڭ ئەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ،كەمچىلىكىنى تېپىپ چىققىلى سېلىش.
*قايتا-قايتا كۆزىتىش ئۇسۇلى
   بالىنى مەلۇم بىر شەيئىگە نىسبەتەن قايتا-قايتا كۆزىتىش ئېلىپ بارغۇزۇش،بۇ خىل ئۇسۇل بالىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى قىسقا مەزگىللىك باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ ھەم قىسقا مەزگىللىك باغلىنىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلگەن تەسىرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.قايتا-قايتا كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ نەرسىلەرگە بولغان ئومۇمىي بولغان تونۇشىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.  

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


     *تەرتىپ بويىچە كۆزىتىش ئۇسۇلى
   شەيئىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولىدۇ.مەسىلەن،ئۆسۈملۈك ئۆسۈشى ئارقىلىق بالىلارغا مەلۇم شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەممە جەريانلارنى تونۇتۇش،مۇكەممەل بولغان ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇش ھەم تەرتىپ بويىچە كۆزىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
*مۇھىم نۇقتىلارنى كۆزىتىش ئۇسۇلى
   شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم بىر مۇھىم ھالقا بولىدۇ.مەسىلەن،ئۆسۈملۈك ئۆسۈشىدە ئۈنۈپ چىققاندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان جەريان ئەڭ مۇھىم ھالغا بولۇپ،بۇ ھالقىنى مۇھىم كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىۋېلىشقا بولىدۇ.بۇ مەشىقلەر بالىلارنىڭ مۇھىم مەسىلىنى تۇتۇپ،مۇھىم ھالقىنى بايقىشىغا،ئومۇملۇقنى كونترول قىلىشىغا پايدىسى زور. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
*ئورۇن بەلگىلەپ كۆزىتىش ئۇسۇلى
  ئورۇن بەلگىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش،مەسىلەن،بالىنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشتا،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىش،بالىلارنى ئۇدۇلدىن چىقىپ تەكرار كۆزەتكىلى سېلىش،ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ كۆزەتكىلى سېلىش لازىم.بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بالىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە تەسەۋۋۇرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.
      بالىنى بىر بالا قاتارىدا كۆرۈڭ
  ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يەتكۈدەك ھەممە ئىشنى قىلىدۇ.ئۆزى ئاز يەپ،ئاز ئېچسىمۇ بالىنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ.ئەمما مەنىۋى ئېھتىياجىغا سەل قارايدۇ.بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە خاراكتېرىگە تېگىشلىك دەرىجدە ھۆرمەت بىلدۈرمەيدۇ.ھەرگىزمۇ بالىلارغا چوڭ كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويماڭ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  غەربلىكلەر بالا تەربىيىلەش جەريانىدا بالىلىرىم ياخشى يېسە ئازادە كىينسە بولدى،دەپلا قارىماستىن بالىلارنىڭ روھىي تەلىپى ۋە بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.
  خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە غەربلىكلەر بالىلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ.بالىلىرى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.غەربلىكلەر بالىنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيىلىنىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.تۇرمۇشتىن تارتىپ ئۆگىنىشىگىچە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.ئەمما بالىسىغا ئۈمىدى،ئۆز ئارزۇسىنى مەجبۇرلاپ تاڭمايدۇ.جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قانداق مەكتەپتە ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نېمە قىلىشىغا ماس كېلىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلىرىدىكى ئائىلە تەربىيىسىدە يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە ئىشلار مەۋجۇت.ماددىي جەھەتتىن بالىنىڭ توققۇزىنى تەل قىلىپ،مەنىۋى جەھەتتىن ئەستايىدىللىق بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئويلانمايدۇ.بالىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى،خاراكتېرى،ياخشى كۆرۈشى توغرىلىق سۆز ئېچىش تەس.ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ياخشى-يامان كۆز قارىشىنى بالىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la

  مەسىلەن،بالىنىڭ ئىمتىھان نومۇرى مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.تەلەپنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بالىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەن.ھەتتا بالىلار ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەھۋالدىمۇ بالىلارغا ئىلھام بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ.
  شۇنداق بىر ئانا بار بولۇپ،ئۇنىڭ قىزى ئىككى پەندىكى ئىمتىھاندىن 196 نومۇر ئالغان،ئەمما قىزنىڭ ئاپىسى يەنىلار كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتكەن.بۇنى كۆرگەن قىز ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ گاڭگىراپ قالغان.
  ئەمەلىيەتتە بۇ ئانا قىزىنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قارىغان.قىزنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى ئۆلچەمگە يېتىپ ‹‹200 نومۇر›› ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.قىزى بولسا ئۇنداق قىلالمىغاچقا ئانىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان.ئەمەلىيەتتە ئانىسى بالىسىنى چۈشەنگەن بولسا،ئۇنىڭ تىرىشقانلىقىنى،197 نومۇر ئالغانلىقىنى نەزەرگە ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى.ئەمما بۇ ئانا پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئويلاپ،قىزىنىڭ ھېسسىياتىغا پەرۋا قىلمىغان.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


  شۇڭا بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ باقساق ئاندىن پاراسەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولالايمىز.سالغان مەبلىغىمىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ.
  ئەمەلىي تۇرمۇشتا خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ،جاھاندا بارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىپ،توققۇزىنى تەل قىلىپ بېرىدۇ.ئۆزى ئاز يەپ،ئاز خىراجەت قىلىشقا رازى بولۇپ ھەممىنى بالىلىرىغا ئاتايدۇ.ماددىي جەھەتتىن توققۇزىنى تەل قىلىپ بەرسىمۇ،ئەمما بالىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشىنى چۈشەنمەيدۇ،ھۆرمەت قىلمايدۇ.ئۇلارنى ماختاشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.بىزنىڭ قارىشىمىزچە ماختاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش،بولۇپمۇ بالىلارنى ھەقىقىي تۈردە بالا دەپ بىلىش كېرەك. www.iz.la
  بالىلارمۇ ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاشلا ئادەم.شۇنداقلا چوڭلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرمۇ بار.بالىلار يېتىلۋاتقان،تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئادەم.لېكىن ئۇلاردا تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوشۇرۇن كۈچ بار.شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ سۆيۈلۈشكە،كۆيۈنۈشكە،ئاسراشقا موھتاج.يېتىلىش جەريانىدا بالىلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە ئۆسۈپ يېتىلىش بولمايدۇ.بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى مەسىلىلەر بىلەن تولغان بولۇپ،بالىلار مۇشۇ مەسىلىلىرنى ھەل قىلىش جەريانىدا پىشىپ يېتىلىدۇ.بەزى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىلىرىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماسلىقى،ئەكسىچە بالىلارنىڭ قارىشى بويىچە بالىلارغا كۆيۈنۈش لازىم.چۈنكى بالا دېگەن بەرىبىر بالا.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئانىڭىزنىڭ ئايىقىغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟

    ھەر قېتىم ئانامغا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرگەندە ئۈچ يىل ئاۋۋالقى مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردىلا ئاخشامدىن توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي يۇرتتىن كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاچامغا ھەمراھ بولۇپ بۇلاقبېشىدىكى«ھەدىيە كۆز كېسەللىكل...

  • قىزىم ساڭا ئېيتمەن

    قىزىم ساڭا ئېيتمەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن قىزىم ساڭا ئېيتىمەن مۇسۇلمان ئايالغا كىم قاچان تەربىيە بىرىدۇ ئۇنى كىم ۋە قاچان يەنى ئەقىللىق پاكىزە قەلىبى گۈزەل ھالغا يەتكۈزىدۇ؟ خوش ئەگەر بىزھەم ئاشۇ مۇنىسە ئاياللارغا ئو...

  • ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق توغىرىسدا

    ئىنسانغادۈشىمەن بولىدىغان يات قىلىقلاردىن بىر ۋەدىگە ۋاپ قلىماسلىقتۇر. بۇ بىر خىل ناچا ئىللەت بولۇپ، ئۆزىنىڭئابريى ،ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، يالغان ۋەدىگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، دىلىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ كىشىدە ۋەدىگە ۋاپ قىلمىغان كى...

  • بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كىرەك...

    بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قى...

  • بالىلار يېتىلدۈرۈشكە تېگشلىك ساپا

        مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى يىقىندا بالىلار تۆۋەندىكى ساپالارغا ئىگە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى:     ئۆز –ئۆزىگە ئىشىنىش . ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەر.     قىزغىنلىق . قىزغىنلىق بولغاندا ئالغا بېسىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بو...

  • ئاكتىپ روھى ھالەت سىزنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلايدۇ

    (مۇلاھىزە ماقالە) مۇساجان تۇردى       ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ‹‹سودىنىڭ تايىنى يوق ، باشقا ئىش قىلىپ باقسام بولامدىكىن ؟ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتەيمىكىن ؟ تاپقان پۇل ئۆي ئىجارىسىگە چىقىشمايۋاتىدۇ . ھازىر ئالارمەندىن ساتارمە...

  • چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى

       ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت    ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كە...

  • بالىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرگەندە نېمىلەرگە دىقەت قىلىش كېرەك ؟

        1. بالىغا بىر نەچچە ئويۇنچۇقنى تەڭلا ئېلىپ بەرمەي ، ئالدى بىلەن بىر ئويۇنچۇقنى بېرىپ، بالا بۇ ئويۇنچۇقنى بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا ئويۇنچۇقنى بەرسە ،بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.      2. نوقۇل ئالىي دەرىجىل...

  • بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە ھېكىمەتلەر

        بالىلارنى بەك ئەركىلىتىپ ۋە ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈۋالسىڭىز ھەم بېشىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئائىلىڭىزنىڭ پادىشاھى قىلىۋالسىڭىز، تەبىئىيكى  بالىڭىز چوڭ بولغاندا سىز ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، چۈنكى پادىشاھتىن  ۋاپا تىلەش قۇرۇق خىيالدۇر.     بالىڭىز...

  • قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

     پاتىمە ھۈسەن    بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە ك...