ئىگىلىنىشىچە ، بۇ مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى ئىتالىيەنىڭ ئېنېرگىيە ماگناتى ENI غا ئالاھىدە قارىتىلغان . ENI لىۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچى .
لىۋىيە زۇڭلىسى Mahmoud بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىتالىيەگە ئالاھىدە قارىتىلىشى ئىتالىيە ئىلگىرى لىۋىيە بىلەن ‹‹ ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى ›› تۈزگەن ، لېكىن ھازىر ئىتالىيە بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى ، دېدى .
ئۇ يەنە ، لىۋىيە نۆۋەتتە رۇسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر بىلەن يېڭى تۈر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ ، دېدى .