ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك تېلېگىراف گېزىتى ›› نىڭ 18 -ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسپانىيەدىكى بىر ئادوۋكات يېقىندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ، ئوباما ، لادىننى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ‹‹ جەنۋە ئەھدىنامىسى ›› گە خىلاپلىق قىلدى ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى ، دېگەن .
دانىئېل . فېل ئىسىملىك بۇ ئادوۋكات ئەرزنامىسىدە ، ئەسلىدە تېرورلۇق ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ نامى بىلەن لادىننى ‹‹ قوغلاپ تۇتۇش ۋە سوت قىلىش ›› كېرەكلىكىنى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدە لادىنغا سۇيقەست قىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ قېتىمقى سۈيقەست قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بازا تەشكىلاتىغا ياللانغانلىقىنى رەت قىلدى .
2011 -يىل 2 -ماي ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ‹‹ دېڭىز يىلپىزى ›› زەربىدارلار ئەترىتى پاكىستاننىڭ ئەببوتئابادتا لادىنغا قارىتىلغان يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .