ئامما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش›› ئاساسىي تېمىسىدىكى رەسىملىرىنى كۆرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيەلىك مائارىپ خىزمەت كومىتېتى بىلەن ناھىيەلىك مائارىپ ، پەن–تېخىنىكا ئىدارىسى بۇ يىلقى 13-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، 15-ئىيۇل ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ‹‹پاكلىق قۇرۇلۇشىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش›› ئاساسىي تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بەش ئىلغار مەكتەپ بىلەن 10 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئۈچ دەرىجە بويىچە تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.