جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە پىرىزدېنتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى مىخائىلنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئەگەر لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى تىرىپولىنى ئىشغال قىلسا، قازافى دائىرلىرى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مىخائىل «ئۇچۇرلار گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«لىۋىيە باش مىنىستىرى تىرىپولىدا ماڭا:ئەگەر توپىلاڭچىلار تىرىپولىنى ئىشغال قىلىۋالسا، ئۇنداقتا بىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىمىز ھەمدە شەھەرنى ۋەيران قىلىمىز دېگەن، مېنىڭچە قازافى دائىرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى پىلانى بار» دېگەن.
مىخائىل يەنە ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئوق-دورىلىرى تۈگىگەنلىكىگە ئالاقىدار ئۇچۇرىنى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ دەپ قارىغان.
ئۇ:«قازافى ھازىرغا قەدەر يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىپ باقمىغان، ئۇلارنىڭ كۆپ مىقداردا بۇ خىلدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بار.بۇ قازافى قىسىملىرىنىڭ ئوق-دورىسى تۈگەيلا دەپ قالدى دېگەن ئۇچۇرنىڭ راستلىقىغا گۇمان تۇغدۇرىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن، تىرىپولىدىكى تانكا ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ ئوق-دورىسى كەمچىل بولىشى مۇمكىن. ئەمما قازافىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە پارتلاتقۇچ بومبىسى ھەرگىز كەمچىل ئەمەس» دېگەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك يوللانمىلار» تورىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قازافى قىسىملىرىغا قوراللىق قارشى تۇرۇۋاتقاندا، بىر تۈركۈم ئوغۇللار توپىلاڭچىلار قوشۇنىغا قېتىلغان، ئەڭ كىچىكى ئەمدى 7 ياش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى چوڭلارنىڭ قوراللىرىنى تازىلاش ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىسۇراتادا يۈزلىرىدىن سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان ئوغۇل بالىلار توپىلاڭچىلارغا ھەمدەم بولۇپ قوراللىرىنى تازىلاپ بەرگەن. توپىلاڭچىلار بىلەن قازافى قىسىملىرى زلىتاندا سوقۇشقاندا، بۇ ئوغۇل بالىلار قورال توشۇشقا مەسئول بولغان. گەرچە ئالدىنقى سەپتە قازافى قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بالىلار قورالنى قانداق ئىشلىتىشنى ئوبدان بىلىدىكەن.
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى 13-ئىيۇل توپىلاڭچىلارنىڭ قازافى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، بىرلا ۋاقىتتا، توپىلاڭچىلار تىرىپولىغا يۈرۈش قىلغاندا ش ئا ئە ت نىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ھەمدەمدە بولىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما ش ئا ئە ت ئىسلام دۆلىتىگە رامزان ئېيىدا كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.