ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بومباي تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 17 ئادەم ئۆلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى بومبايدا 13-ئىيۇل كەچ 12 مىنۇت ئىچىدە 3 قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن، 131 ئادەم يارىد
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى بومبايدا 13-ئىيۇل كەچ 12 مىنۇت ئىچىدە 3 قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن، 131 ئادەم يارىدار بولغان. ھىندىستان ئىلگىرى ئېلان قىلغاندا 21 ئادەم ئۆلدى، 141 ئادەم يارىدار بولدى دېگەن ئىدى.
ھىندىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرى پالانىياپپان (Palaniappan Chidambaram) نىڭ دېيىشىچە، قىسقىغىنا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق 3 قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش تېرورچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ قېتىمقى پارتلىتىشتا ئاممونىي نىترات ئىشلىتىلدى دەپ گۇمان قىلغان. يارىدارلارنىڭ تېنىدىن پارتلاتقۇچ بومبىغا سېلىنغان بولتا ۋە ۋېنتىلارنى بايقىغان، بۇ نەرسىلەر ئادەتتە ئۆزى ياسىغان بومبىغا سېلىنىپ ئۆلتۈرۈش ۋە يارىدار قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ 3 قېتىملىق پارتلىتىشتا جەمئىي 7 دانە ئۆزى ياسىغان پارتلىتىش بومبىسى ئىشلىتىلگەن، بومبىلارغا ۋاقىت بەلگىلىگۈچ ئورنىتىلغان. 
  ھىندىستان بومباي شەھىرىدە 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!