تۆمۈر داۋامەت

ۋاقتى:2010-09-16 01:37مەنبە:نامەلۇم تەھىرىر:admin چېكىلىشى:قىتىم
  

شائىر، ئەدەبىيات - سەنئەت يېتەكچىسى تۆمۈر داۋامەت 1927 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تۆمۈر داۋامەت ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە يېڭى يېزا قۇرۇش ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە يېڭى يېزا قۇرۇش ھەرىكەتلىرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېزا باشلىقى، رايون باشلىقى، ھاكىم، ناھىيلىك پارتكوم شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1965 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1977 - يىلدىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتىدا دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان.   تۆمۈر داۋامەت رەھبىرىي كادىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تىرىشچان شائىر. ئۇ، 1963 - يىلى ئېلان قىلغان <قارىغاينىڭ خىسلىتى> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. <سەپەر تەسىراتلىرى>، <باھار ئىلھامى>، <قىزىلگۈل>، <كۈلگىن، قەشقەر>، <سالام ۋە ئۈمىد>، <قەلب كۈيى>، <كۈيلەيمەن سېنى شىنجاڭ>، <كۇچا تەسىراتلىرى> قاتارلىق شېئىرلار ۋە <ئامان بىلەن ئەختەر> داستانى شائىر ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرى رېئال ھايات قايناملىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مول تۇرمۇش مەزمۇنىغا، روشەن مۇھەببەت - نەپرەتكە، پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تولغان.    تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا خېلى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ <يۈرەك ناخشىلىرى>، <يۇرت مۇھەببىتى>، <ھايات مەشئىلى> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان. <ھايات مەشئىلى> قاتارلىق شېئىرلار توپلىنىنىڭ ماۋزۇسىنى باش شۇجى جياڭ زېمىن يېزىپ بەرگەن. تۆمۈر داۋامەتنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى يەنە قازاق، ئۆزبىك، رۇس، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۇنۇشتۇرۇلغان، جۈملىدىن <يۈرەك ناخشىلىرى> ۋە <يۇرت مۇھەببىتى> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياپنىيىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىر ۋە شېئىر توپلاملىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.    تۆمۈر داۋامەت يالغۇز ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىگىمۇ ناھايتى كۆڭۈل بۆلدى.    تۆمۈر داۋامەتنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەسەرلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تىيانشان شادلىقى> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ۋەتەنگە مۇھەببەت> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <دەۋر ئىلھاملىرى> (1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ھايات مەشئىلى> (1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.    تۆمۈر داۋامەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى نامەلۇم گە تەۋە )
ياخشىكەن
(3)
75%
ئالقىشلايمەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...