ئاپپاق خوجىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسى

ۋاقتى:2010-09-15 16:59مەنبە: تەھىرىر:يادىكار چېكىلىشى:قىتىم
    ئاپپاق خوجىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسى

                                                مۇختار بۇغرا ھۇنزادە


                                            ئۇرغىلى بولماس خوجىنى،  
                                            تىللىغىلى بولماس خوجىنى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


                                            مۇسۇلماننى خار قىلغان.
                                            خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى.

                                                                ____  تارىخ قوشاقلىرىدىن

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


  
                                                    ئاپاق خوجا كىم؟  

  بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.
  ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»()«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»() دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارىسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  
                               ئاپاق خوجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى  
  
  ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋاىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ - قەشقەرىيدە بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى - «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن() مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنى ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن
ئىز تورى بەك ياخشى

  1. ئۆزىنى «سەىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋارس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، ۋە ئۇلار ئارقىلىق قەشقەرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەنى ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئۇرنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام (ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى - ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە ، بولۇش ئۈچۈن كەلگەن دۇر... »، «ئەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ، غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرپىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئاپئاق خوجىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغا مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ داىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيىدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئالدامچىلىق ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىرەر تارىخ ياكى ئىسلام تەلىماتى، ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدا تەكىتلەنگەن بىرەرمۇ پاكىت - ئاساس يوقتۇر. دېمەك ئاپئاق خوجا تەشۋىقاتچىلىرى (مۇرىتلىرى) مۇشۇنداق بىر شەخسىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ (ئۇنىڭ غايىبىنى بىلىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ» لىقىنى تەرىپلەپ، «خوداغا رام» لىقى بىلەن ئاخىرىدا ئۇنى قەشقەردە «ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلىياسى»، «ئۇلۇغ پېشۋاسى»، «سەىد» دېگەن تاج ئاستىغا ئېلىپ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىندۈرۈشكىچە بېرىپ يەتكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  2. خۇددى «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىماىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شېيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسماىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسىلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسماىلخان بۇنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان («ئىشقىيە» چىلەر جىقراق بولغان) ھازىرىقى قەشقەر شەھىرىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلقلىرى ئاق تەقىلىقلارنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. ئەبەيدۇللا خوجا («ئىشاقىيە» چىلەر) نىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغلىق، خوتەن تەۋەلىرىگە قاراشلىق جايلارنىڭ خەلقى قارا تەقىلىقلەرنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تاكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ، ئىككى خوجىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان ئاق تەقىلىقلەر، قارا تەقىلىقلەر كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان («ئاق تەقى»، «قارا تەقى» ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى بويىچە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېيىلىپ كەلمەكتە). گەرچە ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر - بىرىدىن پەرق قىلمىسىمۇ قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى يەنىلا سەىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامچىلىرىدىن بولغان ئىسماىلخاننىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى گۇرۇڭنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسماىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تىنچ ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئاپئاق خوجىنىڭ «ئاق تاغلىق» سوپىلىرى 1670- يىلى بىر ئىچىدىلا يېڭىسار، مەكىت مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، قاغلىق قاتارلىق جايلاردا «قارا تاغلىق»، «پىر» سوپىلاردىن 80 نەچچىنى تۇتۇۋېلىپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 40 نەچچە «سوپى» نىڭ پېيىنى قىرقىپ، قول، پۇتىنى كېسىپ، ئاختا قىلىپ (ئەرلىك تۇخۇمىنى ئېلىۋېتىپ) «كېرەكسىز مۇردا» ھالەتكە ئەكېلىپ، «قارا تاغلىق» لاردىن «ئۆچ» ئالغان. «ئىشاقىيە» چى «قارا تاغلىق» سوپىلارمۇ قەشقەرىيىنىڭ خوتەن، يەكەن تەۋەلىرى (ھازىرقى كېرىيە، چىرىيە، لوپ، ئىلچى، قاراقاش، گۇما، قاغلىق، مەكىت، يەكەن، پوسكام ناھىيىلىرى تەۋەلىرى) دە «قىلمىشلىرى ئېغىر»، «ئاق تاغلىق»، «پىر»، «سوپى»، ئىشانلاردىن بەزىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، مەخپىي ھالدا قول - پوتىنى باغلاپ چىقالمايدىان چۆللەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ ياكى قول، قۇلاقلىرىنى كېسىۋېلىپ (ئەن سېلىپ قويۇپ) ھەيدىۋېتىپ، ياكى گاچا - گاس قىلىپ تاشلاپ، بەدەل ھېسابىدا ئۆچ ئېلىپ تۇرغان. 1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسماىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسماىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسماىلخان بۇنى سېرىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجىرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان. ئىسماىلخان 17- ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار بېسىپ ئالغان شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونلىرى (ئۈرۈمچى، ئىلى، قۇمۇل، ئالتاي رايونلىرى) نى قايتۇرۇۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى



                                ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لامادىن تىزلىنىپ مەدەت تىلىشى

ئاپاق خوجا قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە بىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇا كويلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇا قىلغان. لامانىڭ پەشلىرىنى سۆيۈپ، ئىتەكلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، يىغلاپ مەدەت تىلىگەن. دېمەك، بۇ زاتنى ئۇلۇغ تەڭرى ئەنە شۇ چاغدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن بۇ خىل رەزىل قىلمىشقا دۇچار قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىدا قىيناپ، جاپا - مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرىگە ئۇچرىتىپ، ئاھۇ نادامەتنىڭ لايلىرىغا يۇمۇلۇتۇپ، پۇشايمان ئوچاقلىرىدا كۆيدۈرۈپ، خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىقنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە كۈچۈكلىپ باش قويىدىغان، خەلق، مىللەت ۋە ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان تارىخىي خاىن، لەنىتى ئىنسان، دەۋزىخى مۇسۇلمان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوقتۇر. خۇددى ئىت ئۆز ئىگىسىنى «خودا» دەپ بىلگەندەك، ئاپئاق خوجىمۇ دالاي لامانى بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە تونۇپ، ئىسماىل خان ئۈستىدىن دەردىنى تۆككەن، ئەرز قىلغان ھەم ئۇنىڭدىن ئىسماىل خان ھاكىمىيىتى (قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان. بۇ توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»«بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: « بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر» دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى: «... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»ئاپئاق خوجا دالاي لامانىڭ قېشىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالى، ئىسماىل خاننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى، ئىچكى ماجرالار، تىبەت - قەشقەرىيە چېگرىسىدىكى تاغ، داۋان، يول، جوداق (بۇتخانا) لار توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. شۇ زامانلاردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ياكى شۇ زامانلار توغرىسىدا كېيىنرەك يېزىپ قالدۇرۇلغان بەزى ئۇيغۇرچە، تاجىكچە يازما خاتىرىلەردە مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا»، «لەنىتى رەھمەت» دېگەندەك قوليازمىلاردا كۆرسىتىلىشىچە: دالاي لاما ئاپئاق خوجىغا ئۆز يەرلىرىنى ئىسمايىلخاندىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە داىم ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپ، گېپىگە كىرىپ، ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، لامالارغا دۇا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى شۇلار دېگەندەك قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، مىلادى 1677- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (دالاي لاما 5 نىڭ لامالىققا ئولتۇرغان 1- كۈنىنى ئەسلەش ئىبادىتى بولغان كۈنى) ئاخىرقى دۇاسىنى بېرىپ «ئەركتە» (مەخسۇس لاما ھارىقى) تۇتۇپ مېھمان قىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ شىڭ جىڭ خوپۇلاما بىلەن قوشۇپ 15 قوتاز بېرىپ، غالدان قۇنتەيجى ھۇزۇرىغا - غۇلجىغا يولغا سېلىۋەتكەن. ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت - ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسماىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن. ئاپئاق خوجا قىرغىنچىلقتااپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسماىل خاننىڭ ئوغلى باباق سولتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئىسماىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىر باشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى «تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدەرسنىڭ 360 خانىلىق ھۇجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسماىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ («بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغا شەرتسىز بىردەك ئىتاەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىزلىكى» تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق «قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىشاقىيە» چى خوجا، ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چاتاپ ماڭغۇزۇپ. ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيىدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشىپ ھەم بىر بۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدا يوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭ سەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، گەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر، گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرۇيى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»، «ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجا ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر. ئاپئاق خوجا «خان» لىق تەختتە ئاپئاق خوجا يۇقىرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسماىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيىگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاق خوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسماىلخاننىڭ ئىنىسى - ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان (ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغار كۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋا قىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ، تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ، قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغان سەىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرىلىشىپ، قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىيى فېودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيىگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپ تۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتاىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋە يا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدا يېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...»بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت» - ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا قەشقەرىيىدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىر ھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دۇختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتوپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار (ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلا دېمەكچى - ئا) ... ساەتەن بىساەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ (نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...»ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە «دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قاناەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز، شەرتىسز، تەخىرسىز، داىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭىدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.ئاپئاق خوجا «تەخت»كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز «خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە «خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەشابۇل كەەب»، كوچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىق مازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا سوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىە»، «سۈننىي» مەژەپلىرىگە ياكى بۇ مەژەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان، تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا، ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي، نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلار تەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتىسىز، قارىغۇلارچە ئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشى چىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوار ھەم پاالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن، زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوال - سوراقتىن، بالادىن قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ()» دېگەن ئىلتىجالىق دۇا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامىلىرىدۇر. بىز بۇ دۇا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، ئەلۋەتتە.دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى - قەشقەرىيىنى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھا پەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت، ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شېيخلار، قەلەندەرلەر، ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيىدە مەدەنىيەت، ماارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەك بارلىق ئىلمىي پاالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىماىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپە ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلار تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈ جەمئىيەتتە دۇا - تالاۋەت، خەتمەن ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ» ئىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىماىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە: كۈسەن مۇنبىرى ئەلگەنەزەر يازمىسى
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...