پروفېسسور-- ھوشۇر ئىسلام تەرجىمھالى

ۋاقتى:2010-07-27 02:01مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

www.iz.la

ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ  پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپرانت يېتەكچىسى . ئىككى قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە  كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس (ئۈچ قارار ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمنىڭ بىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر – ئۇچۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى . 1982 – يىلى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1984 – يىلى كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1997 – يىلى ئامېرىكا رايت ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان .

ئىز تورى بەك ياخشى

     پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام  دۆلەتلىك 211 قۇرۇلۇشى ‹‹ شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە ئىلمى ›› نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، كومپيۇتېر – ئۇچۇر ماگستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل – يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . بىرنەچچە يىلدىن بېرى 40 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانچلارنى تەربىيىلىگەن . خەلقارالىق ، مەملىكەتلىك ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالا ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى تۈزگەن . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئېلېكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

           پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىرغىچە 863 يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتە تۈرگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقاتىدىن ئۈچ تۈرگە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 15 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .  ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئالتە تۈردە مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت ۋە خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك  پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن سەككىز تۈرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا . ئۇ سەبداشلىرى بىلەن 20 يىل ئىجادىي ئىشلەش ئارقىلىق ، ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇر – تېخنىكىسى ئىشلىرى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىقتىدارلىشىش ، تورلىشى ، كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىسىگە كۆتۈردى . 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ۋە چەت ئەللەرگە تارقالدى . ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ساھەسى بارلىققا كەلدى . بۇ تەتقىقات بازىسى رايونىمىزنىڭ كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بازىسىغا ئايلاندى . ئۇ قۇرغان ئۇنىۋېرستېت فاڭ يۈۋەن ، لەنخۇا ، سەردار شىركەتلىرى بازا بىلەن بىرلىشىپ تەتقىقات ، ئىشلەپچىقىرىش ، سودا – مۇلازىمەت ۋە ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بازىغا ئايلاندى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

       ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەردەك ئىسلاھات ، رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ  شان – شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجاد ، روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشتا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئىلىم – پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەم ئۈلگە ،  نەمۇنە تىكلەپ بەردى . ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

بىزنىڭ ھازىرقىدەك تورغا ئۇيغۇرچە تورغا چىقىشمىزغا ئاساس سالغان .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...