ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت جەڭچىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىز تورى بەك ياخشى
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقى ساھەسىدىكى تۇھپىسى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە خېلى زور تەسىر قىلغان مەدەنىيەت جەڭچىسى . copyright by www.iz.la
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى . 1876-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى ياربېشى مەھەللىسىدىكى يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ قەشقەردىكى مەدرىسلەرنىڭ بېرىدە ئۇقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەپ، پارىس تىللىرنى پۇختا ئىگەللىدى،1908 -يىلىدىن باشلاپ قاھىرەدىكى ئەزھەر ئونۋېرىستېتىدا ، ئىستانبۇلدىكى ئالى بىلىم يۇرتىدا ۋە بۇخارا مەدرىسلىرىدە ئۇقۇپ ئۇزاق مۇددەت بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۇز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۇتىۋەر ئالىملىرىدىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىققاندى .
چەت ئەللەردىكى سەپىرىدە كۆرگەن - ئاڭلىغان ھەر خىل ئەھۋاللار، ئوقۇش ھاياتىدىكى تەسىراتلار ياش قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئىدىيىسىدە تەرەققىپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۇرىدۇ ، ئەل يۇرتنىڭ جىنى ۋە ۋەيرانچىلىقى، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق كىشەنلىرىگە چىرمالغان خەلىقنىڭ ئازاب ئۇقۇبىتى ئۇنىڭدا غەپلەت ئاستىدا ياتقان خەلقىنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش ئارزۇسىنى كۇچەيتىپ ، شەۋقى، تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يېزىشقا باشلايدۇ .
خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ جەڭگىۋار قۇرال قەلەم بۇلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ خىتابىنى ئەڭ يىراق جايلارغا يەتكۇزۇپ ، ھەممىنى خەۋەردار قىلدىغان ، تېخىمۇ مۇھىم قورال مەتبەئە ۋە نەشىرىياتچىلىق ئىدى، شۇڭا قۇتلۇق ھاجى شەۋقى . 1918-يىلى .ئاڭ گېزىتى ، نى نەشىر قىلدى ، بىراق بۇ گېزىت مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقى ، ۋە ئىقتىسادى قيىنچىلىق تۇپەيلىدىن ئۇزۇن داۋاملاشماي نەشىردىن توختىدى ، ئۇ يەنە . 1933-يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ ، ئەركىن ھايات گېزىتى نى ، ئۇنىڭدىن كېين 1934-يىل 23 . ئاۋغۇستتىن باشلاپ يېڭى ھايات گېزىتى،نى نەشىر قىلىپ ، باش مۇھەررىرلىكنى ئۇزى ئۇستىگە ئالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى يەنە ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئالىم بۇلۇپ . ئۇ يازغان تارىخي ئەسەر ،ۋاقەئى كاشغەر،(قەشقەردە يۇز بەرگەن ۋەقەلەر) ناملىق كىتاپ مۇھىم تارىخىي ھۆججەت سۇپىتىدە مۇزىيدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئۇ ئەرەپ ، پارىس تىلدىكى نۇرغۇن لوغەتلەرنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن .
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى تەشۋىق قىلغان ئەركىن پىكىرلەر دېمۇكىراتىيە ۋە ئەركىنلىك سادالىرى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ ، ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى، شۇڭا ئەكسىيەتچى ھۆكۇمەت ئۇنى كۆزدىن يۇقۇتۇشنىڭ كويىغا چۇشۇپ تەقىپ قىلدى. 1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۇرمىسىگە تاشلىنىپ ئۆكتەبىردە 61 يىشىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۇرۇلدى.
ۋەتەنپەرۋەر شائىر دېمۇكىرات ئەرباب ، ئىقتىدارلىق نەشرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىزگە، قەشقەر ئويغاندى . پارچە ، ئانا تىل ، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە ، ۋە غەزەل قاتارلىق ئەدەبى مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئىز تورى www.iz.la
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن :
ئانا تىلىم
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر. www.iz.la
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللار ، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەي ئانا تىل ، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان.
سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قوي مۇ سەن قوزىمۇ سەن ياكى ھەسەل بىلەن قېمىز ،
بۇ مەسەللىك نەرسىنىڭ بىرسىگە ئوخشاتقۇم كىلۇر ،
ئۆز ئاتاسى ئۆز ئاناسى ئۆز يۇرتىدىن تانغانلارنى ،
راسا قاتتىق چەملىك كەشىم بىلەن ئۇرغۇم كىلۇر ،
بىر قىلىچ بەرسە خۇدا،<<كەس!>>دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلىقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.
- قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
ئىز تورى www.iz.la