مەشھۇر ئالىم __ جامالىدىن قەشقەرى

ۋاقتى:2010-07-18 04:02مەنبە: تەھىرىر:قاسىمجان چېكىلىشى:قىتىم
  

مەشھۇر ئالىم ، مۇددەرىس - جامالىدىن قەشقەرى
 جامالىدىن قەشقەرى قەشقەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر مۇددەرىس. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپى- ئۇرقۇن ،شامان ، مانى مائارىپ دەۋرى( 552 ~ 844 يىللىرى) ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى( 850 ~ 1250 - يىللار ) بۇددىزىم مائارىپى دەۋرى( 75 ~ 992- يىللار) جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىيلار ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى( 870 ~ 1211 -يىللىرى)گە قەدەم قويدى. بۇ دەۋىردىكى مائارىپ - ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ ، پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان ئىدى . ھەممە ۋىلايەت ناھىيەلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان ، بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالى بىلىم يۇرتى« مەدىرىسەئىي ساجىيە » تەسسىس قىلىنغان ئىدى . بۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەرىسلىكلىرى - ماتېماتىكا ، يۇنان پەلسەپىسى ، تىلشۇناسلىق ، ئاستۇرنومىيە ، تىبابەتچىلىك ، ئىلمىي مەنتىق(لوگىكا) ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن . بۇنداق ئالى بىلىم يۇرتىغا جامالىدىن قەشقەرىگە ئوخشاش داڭدار ئالىملا ، ئاتاقلىق مۇددەرىسلەرلا دەرىس بېرەلەيتى . www.iz.la
 جامالىدىن قەشقەرى ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىڭ مەلۇمات يوق . تۇلۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىكى ئجتىھاتى ئۇنى ئۆز دەۋىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە يىتىشىپ چىققان ئالىمىغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ مەدىرىسەئىي ساجىيە››گە مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىپ ، ئۇزۇن يىللار مۇددەرىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ كۆڭۇل قويۇپ تەربىيلىشى ئارقىلىق ‹‹مەدىرىسەئىي ساجىيە›› دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم - پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر تىۋىپلەر ، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققان . ھەتتا ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە؛ئەتتىرگۈل بلوگى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(6)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...